Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 5:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ كۈن كەلگەندە، جەڭ ئاتلىرىڭلارنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىڭلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 5:10
9 Referans Kwoze  

مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.


ئاسسۇرلار بىزنى قۇتقۇزالمايدۇ، ئەمدى جەڭ ئاتلىرىغا ئىشەنمەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارنى ئەمدى ھەرگىز ئىلاھىمىز دېمەيمىز. ئى پەرۋەردىگار، يېتىم ئىسرائىلىيە سەندىنلا رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.»


لېكىن مەن يەھۇدىيە خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىمەن. مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ خۇداسىدۇرمەن. مەن ئۇلارنى قۇتۇلدۇرىمەن، ئۇلارنى ئوقيا، قىلىچ، ئۇرۇش، ئات ياكى چەۋەندازلار بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆز قۇدرىتىم بىلەن قۇتۇلدۇرىمەن.


تاغلاردا يالغان بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشلىرىمىزنىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتۇق. ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، پەقەت سەنلا خەلقىمىزنى قۇتقۇزالايسەن.


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى، خەزىنىلىرىنىڭمۇ چېكى يوق. يايلاقلىرى ئاتلارغا تولدى، جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سانى چەكسىز.


پادىشاھىڭلارنىڭ جەڭ ئاتلىرى كۆپ بولمىسۇن، مىسىرغا ئادەم ئەۋەتىپ ئات سېتىۋالمىسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مىسىرغا قايتا بارماسلىقىڭلارنى بۇيرۇغان.


پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، كۈچ-قۇدرىتىنى يوقىتىمەن. جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ئۇلارنى ھەيدىگۈچىلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. چەۋەندازلىرى ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite