6 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ۋاقتى كەلگەندە، توكۇر بولۇپ قالغان خەلقىمنى يىغىمەن. سۈرگۈن قىلىنغان، ئۆزۈم ئازاب سالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.
شۇ چاغدا مەن سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ ھەممىسىنى جازالايمەن. ئاجىزلارنى قۇتقۇزۇپ، سۈرگۈندىكىلەرنى يىغىمەن. سىلەر نومۇستا قالغان ھەر بىر ئەلدە سىلەرنى شەرەپلەندۈرىمەن.
بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ.
چېچىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىدىغان ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىپ، يىغىلغان ئۆز خەلقىمگە قوشىمەن.»
ئىگىمىز قايتىدىن قۇرىدۇ يېرۇسالېمنى، ئىسرائىلغا يېڭىدىن يىغىدۇ سۈرگۈن بولغانلارنى.
ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرى، ھەممىڭلارنى يىغىمەن، ھايات قالغان ئىسرائىل خەلقىنى يىغىمەن. سىلەرنى قوي پادىلىرىنى قوتانغا يىغقاندەك يىغىمەن. سىلەر خۇددى يايلاقتىكى قوي پادىسىدەك توپلىشىسىلەر. زېمىنلىرىڭلار يەنە ئادەملەر بىلەن ئاۋاتلىشىدۇ.
سىلەرنى ياقا يۇرتلاردىن، يات ئەللەردىن يىغىپ، يۇرتۇڭلارغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن.
مەن ئۇلارنى شىمالدىكى زېمىنلاردىن، دۇنيانىڭ يىراق جايلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر يەرگە جەم قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قارىغۇ، ئاقساقلار، ھامىلىدار ۋە ئاي كۈنى يېقىنلىشىپ قالغان ئاياللارمۇ بولىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئادەملەر بۇ يەرگە قايتىدۇ.
ئۇ ۋاقىتلاردا يەھۇدىيە خەلقى بىلەن ئىسرائىلىيە خەلقى بىرلىشىپ ياشايدۇ. ئۇلار شىمالدىكى زېمىنلاردىن مەن ئەجدادلىرىڭلارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا بىرلىكتە قايتىپ كېلىدۇ.
يىقىلاي دەپ قالدىم ئى خۇدا، ئازاب ھەمراھدۇر دائىم ماڭا.