Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 4:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 باشقا ئەللەر ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ يولىدا ماڭىدۇ، لېكىن بىز مەڭگۈ پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ يولىدا ماڭىمىز.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 4:5
19 Referans Kwoze  

مەن پەرۋەردىگار خەلقىمنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئۇلار مېنىڭ يولۇمدا ماڭىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»


مەيلى سىلەر نېمە دەڭلار ياكى نېمە قىلىڭلار، ھەممىسىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامىنىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدائاتىمىزغا شۈكۈر ئېيتىڭلار.


ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشنى خالىمىساڭلار، بۈگۈن قارارىڭلارنى بېرىڭلار. ئەجدادلىرىڭلار ئىلگىرى فىرات دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە چوقۇنغان ئىلاھلارغا ياكى سىلەر ھازىر تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئامورلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارغا چوقۇنامسىلەر؟ مەن ئائىلەم بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىمىز!


ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.


بەرھەق، خۇدا بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر ئەبەدكە، ئۇ بىزنى يېتەكلەر مەڭگۈگە.


سىلەر ئەيسا مەسىھنى رەببىمىز، دەپ قوبۇل قىلغانىكەنسىلەر، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ياشاڭلار.


پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز. سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.


سامارىيەلىكلەر يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم ئىسرائىل دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە.


لېكىن ھەرقايسى خەلقلەر يەنىلا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر ياسىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى بۇتخانىلارغا قويدى. ھەممە خەلقلەر ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە شۇنداق قىلىشتى.


ئىبرام 99 ياشقا كىرگەندە، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا زاھىر بولۇپ: _ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بولغىن.


لەببەي بولۇپ ئالدىڭدا، مەدھىيەلەيمەن بۈيۈك ئىشلىرىڭنى رەببىم خۇدا، جاكارلايمەن ھەققانىي دەپ پەقەت سېنىلا.


بۇرۇنقى زامانلاردا، خۇدا ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئادەملىرىنى ئۆزلىرى تاللىغان يولدا مېڭىشىغا قويۇپ بەرگەن.


ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن، لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز.


شۇڭا پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇنىڭ بۈگۈن مەن ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلىڭلار.


بىلدىمكى، ئۆزى تاللىغان پادىشاھنى قۇتقۇزار خۇدا، مۇقەددەس ئەرشئەلادىن جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا، زور غەلىبە ئاتا قىلار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىدا.


مەن ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن. ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىشنى ھەرگىز توختىتىپ قويمايمەن. قەلبلىرىنى ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن تولدۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەرگىز مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite