Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 4:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 لېكىن ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلمەيدۇ، مەقسەتلىرىنى چۈشەنمەيدۇ. خۇددى بۇغداي باغلىرىنى خامانغا يىغقانغا ئوخشاش، پەرۋەردىگار ئۇلارنى يىغدى، ئەمدى جازالايدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 4:12
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئوي-پىكرىڭلار مېنىڭ ئوي-پىكرىم ئەمەس، سىلەرنىڭ يولۇڭلار مېنىڭ يولۇم ئەمەس.


چۈنكى مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار.


ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممە ئىنساننى ئايرىپ چىقىدۇ، - دېدى.


ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، سىلەر يانجىلغان ۋە سورۇلۇپ كەتكەنىدىڭلار! مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم.


پەرۋەردىگارنىڭ كالامىنى يەتكۈزەر ياقۇپنىڭ نەسلىگە، پەرمان ھەم پەرزلىرىنى ئايان قىلار ئىسرائىل خەلقىگە.


پەرۋەردىگار باشقا خەلققە ھېچقاچان بۇنداق مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، ئۇنىڭ پەرزلىرىنى باشقىلارمۇ ھەم بىلگەن ئەمەس. ھەمدۇسانالار بولسۇن پەرۋەردىگارغا.


ئەمما ئاسسۇر پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ، ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ. ئۇ پەقەت باشقا خەلقلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ، ئۇ پەقەت باشقا ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ.


ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق دۆلەتلەر خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ!


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي بابىل، سەن مېنىڭ كالتىكىم، ئۇرۇش قورالىمدۇرسەن. سەن ئارقىلىق ئەللەرنى كۇكۇم-تالقان قىلدىم، پادىشاھلىقلارنى تارمار قىلدىم.


ھەممە ئەللەرنى يىغىپ، يىھوشافات [مەنىسى ‹پەرۋەردىگار سوتلايدۇ›] جىلغىسىغا ئاپىرىمەن. ئۇ يەردە مەن ئۇلارنى سوتلايمەن. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى، يەنى مېنىڭ مۈلكۈم بولغان ئىسرائىللارنى يات ئەللەرگە تارقىتىۋېتىپ، زېمىنىمنى بۆلۈشتى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «ئۇزۇن ئۆتمەي بابىلدا ھوسۇل يىغىش باشلىنىدۇ، بابىل خەلقى خامانغا ئوخشاش دەسسەپ يانجىلىدۇ.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite