8 لېكىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ روھىغا چۆمدۈم، قۇدرەت، ئادالەت ۋە كۈچكە تولدۇم. مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قىلمىشلىرىنى، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئۇلارنىڭ يۈزىگە سالىمەن.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما، ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك، خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.
مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، تەلىم بەرگىنىمدە، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلايدىغان، سىلەرنى قايىل قىلالايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. لېكىن، مۇقەددەس روھ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە ئىشەنچ بەردى.
ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىل خەلقىگە ساڭا كۆرسىتىلگەن ئىبادەتخانىنى تەسۋىرلەپ بەرگىن. ئۇلار ئىبادەتخانىنىڭ مۇكەممەل لايىھەسى ھەققىدە ئويلانسۇن ۋە ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىدىن نومۇس ھېس قىلسۇن.
_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.
ئىچىم گەپكە توشۇپ كەتتى، روھىم مېنى سۆزلەشكە ئۈندىمەكتە.
چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى، تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى.
_ ئەي ئادەم بالىسى، قانخور يېرۇسالېم ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار، ئۇنىڭ بارلىق يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى يۈزىگە سال.
ئەي ئادەم بالىسى، كەلگەن ئادەملەرنى ئەيىبلە ۋە ئۇلارغا تەنبىھ بەر. ئۇلارغا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ يىرگىنچلىك قىلمىشلىرىنى بىلدۈر.
روھ مېنى كۆتۈرۈپ ئېلىپ ماڭدى. ئىچىم سىقىلىپ، ئاچچىقلاندىم. لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى مېنى قاماللىۋالغانىدى.
ئەگەردە، مەن ‹سېنى تىلىمغا ئالمايمەن، سېنىڭ نامىڭ بىلەن سۆزلىمەيمەن› دېسەم، سېنىڭ سۆزلىرىڭ يۈرىكىمدە ئوتتەك كۆيىدۇ، سۆزلىرىڭ سۆڭەكلىرىمدىكى بىر ئوتقا ئوخشايدۇ. مەن ئۇلارنى سىر ساقلاشقا تىرىشسام چارچاپ كېتىمەن، ئۇنى سۆزلەشكە مەجبۇر بولىمەن.
قارا، بۈگۈن مەن سېنى خۇددى مۇستەھكەم شەھەردەك، تۆمۈر تۈۋرۈكتەك ۋە تۇچتىن سوقۇلغان سېپىلدەك كۈچلۈك قىلدىم. سەن پۈتۈن يەھۇدىيەگە، يەنى ئۇنىڭ پادىشاھلىرى، ئەمەلدارلىرى، روھانىيلىرى ۋە خەلقىگە قارشى تۇرىسەن.
ئەي پەرۋەردىگار، مەن ساڭا ئوخشاشلا غەزەپكە تولدۇم، ھەقىقەتەن چىدىيالمىدىم.» پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب بەردى: «غەزىپىڭنى كوچىدا ئويناۋاتقان بالىلارغا ۋە توپلاشقان ياشلارغا چاچ. غەزىپىڭنى ئەرلەر ۋە ئاياللار، شۇنىڭدەك ياشانغانلارغىمۇ چاچ.
زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)،
ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى، قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى. تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى، گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنى، ۋە خۇدايىمىزنىڭ قىساس ئالىدىغان كۈنىنى جاكارلاپ، ھەسرەتلەنگەنلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.
يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ ئەي ئادەم بالىسى، ئوھولا ۋە ئوھولىبانىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقار ۋە ئۇلارنىڭ قانداق يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلغانلىقىنى يۈزىگە سال.