مىكاھ 3:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 رەمچىلەر خىجىللىقتا، پالچىلار نومۇستا قالىدۇ. شۇنداق، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈزى تۆكۈلىدۇ. چۈنكى ئۇلارغا مەن خۇدادىن جاۋاب كەلمەيدۇ.» Gade chapit la |
ياخشى، ئەمىسە بارايلى، _ دېدى سائۇل. ئۇلار خۇدانىڭ نەزىرى چۈشكەن ئادەم تۇرىدىغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى. ئۇلار داۋانغا چىقىپ، شەھەرگە بارىدىغان يولدا كېتىۋاتقاندا، قۇدۇقتىن سۇ ئەكېلىشكە چىققان قىزلارنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن: _ غايىبنى بىلگۈچى شەھەردىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. (ئۇ زامانلاردا ئىسرائىلىيەدە ھازىر پەيغەمبەر دېيىلگەن كىشى، «غايىبنى بىلگۈچى» دەپ ئاتىلاتتى. كىشىلەر خۇدادىن بىرەر ئىشنى ئىلتىجا قىلماقچى بولسا، «غايىبنى بىلگۈچىنىڭ قېشىغا بارايلى» دەيتتى.)