Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەر، سىلەر پەقەت قارنىڭلارنى تويدۇرغانلار ئۈچۈن ئامانلىق تىلەيسىلەر، قارنىڭلارنى تويدۇرمىغانلارغا ھۇجۇم قىلىسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 3:5
25 Referans Kwoze  

ئۇلار خەلقىمنىڭ يارىسىغا سەل قاراپ: ‹ھەممە ئىش ياخشى! ھەممە ئىش جايىدا!› دەپ، قولىنىڭ ئۇچىدىلا داۋالايدۇ. بىراق ئىشلار ئۇلار دېگەندەك ئەمەس.


مەن ‹پەرۋەردىگار چۈشۈمدە سۆز قىلدى› دەپ يالغان ۋەھىي يەتكۈزۈپ، خەلقىمنى ئازدۇرغان ساختا پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرىمەن. ئۇ ساختا پەيغەمبەرلەرنى مەن ئەۋەتمىدىم. مەن ھېچقاچان ئۇلارنى پەيغەمبەرلىككە تەيىنلىگەن ئەمەس. ئۇلار خەلقىمگە ھېچقانداق ياخشىلىق ئەكېلەلمەيدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»


بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ.


ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


- ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.


بىراق ھازىر سىلەر روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا باشلىدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار.


شەھەردىكى يېتەكچىلەر پارا ئېلىپ، ھۆكۈم چىقىرىدۇ. روھانىيلار بەرگەن تەلىمى ئۈچۈن ھەق ئالىدۇ. ساختا پەيغەمبەرلەر پۇل ئۈچۈن پال ئاچىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمىنى كۈتۈپ: «پەرۋەردىگار ئارىمىزدا، بېشىمىزغا ئاپەت كەلمەيدۇ» دەيدۇ.


ئەگەر بىر يالغانچى ۋە ئالدامچى سىلەرگە: «سىلەردە مەي، شاراب مول بولىدۇ» دېسە، ئۇ سىلەرنىڭ ياخشى پەيغەمبىرىڭلارغا ئايلىنىدۇ.


ئۇلار ئۆزئارا تارقاتقان چۈشلىرى ئارقىلىق، خۇددى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بائالغا چوقۇنۇپ، مەن خۇدانى ئۇنتۇغاندەك، كىشىلەرگە ھازىرمۇ مېنى ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئويلايدۇ.


بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ، ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ، سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.


سىلەر باشقا ئەللەرگە مۇنداق دەپ جاكارلاڭلار: ‹ئۇرۇشقا ھازىرلىنىڭلار! لەشكەرلىرىڭلارنى، پۈتۈن باتۇرلىرىڭلارنى يىغىپ، ئۇرۇشقا ئاتلىنىڭلار.


بىرىگە يان بېسىش ياماندۇر، بىراق ئادەم بىر بۇردا نان ئۈچۈنمۇ بۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزۈر.


ئۇلار: «يېرۇسالېمغا قارشى جەڭ قىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار! كېلىڭلار! چىڭقى چۈشتە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلايلى!» دەيدۇ. لېكىن بىردەمدىن كېيىن ئۇلار يەنە: «بەك ئەپسۇس، قۇياش پېتىپ قاراڭغۇ چۈشۈۋاتىدۇ.


يالغاندۇر ساختا پەيغەمبەرلىرىڭنىڭ ۋەھىيلىرى. ئۇلار كۆرسىتىپ بەرمىدى گۇناھلىرىڭنى، روناق تاپقان ھالىتىڭگە ئەكەلمىدى سېنى، ئەكسىچە، ساڭا ساختا بېشارەت بەردى.


ئەي ئىسرائىللار، مەن ئاشۇ ساختا غايىبانە ئالامەت توقۇيدىغانلار ۋە يالغان ۋەھىي يەتكۈزىدىغانلارغا قارشى چىقىمەن. ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن، ئىسرائىللارنىڭ تىزىملىكىدىن ئۆچۈرۈۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا قايتىشىغا يول قويمايمەن. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.


سىلەر مەيلى كۈندۈز ياكى كېچىدە بولسۇن پۇتلىشىسىلەر، ساختا پەيغەمبەرمۇ سىلەر بىلەن بىرگە پۇتلىشىدۇ. مەن سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغان ئىسرائىلىيەنى ۋەيران قىلىمەن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite