Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 3:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 خەلقىمنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر، تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر. قازانغا سېلىنىدىغان گۆشتەك، سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، گۆشلىرىنى پارچىلايسىلەر.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 3:3
11 Referans Kwoze  

چۈشەنمەسمۇ ئەجەبا قىلمىشلىرىنى پاسىقلار؟! ئۇلار مېنىڭ خەلقىمنى نان يىگەندەك يەپ يۇتار، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلماس ئەسلا ئۇلار.


ئۇلار: «ئۆي سېلىشنىڭ ياخشى پەيتى كەلدى. بىزنىڭ شەھەر خۇددى تۆمۈر قازاندەك مۇكەممەلدۇر، بىز بۇ قازاندىكى گۆشتەك بىخەتەردۇرمىز» دېيىشىدۇ.


ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ھۆركىرىگەن شىرلارغا ئوخشايدۇ. سوراقچىلىرى بىر تال سۆڭەكنىمۇ ئەتىگە قالدۇرمايدىغان ئاچ بۆرىلەردەكتۇر.


رەقىبلىرىم، دۈشمەنلىرىم پۇتلىشىپ چۈشتى دۈم، گۆشۈمنى يېمەك بولۇپ ماڭا قىلغاندا ھۇجۇم.


ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ: «سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار، يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار. سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم ئىشلىتىدىغان، يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.


ئاندىن ئۇنىڭغا ئەڭ ياخشى يانپاش، بويۇن گۆشلىرىنى سېلىڭلار، يىلىكلىك سۆڭەكلەر بىلەن تولدۇرۇڭلار.


يېقىندىن بۇيان سىلەر خەلقىمگە قارشى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدىڭلار. سىلەر ئۇرۇشتىن قايتىپ يولدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ چاپانلىرىنى سالدۇرۇۋالدىڭلار.


شۇنداقلارمۇ باركى، يوقىتىش ئۈچۈن بۇ دۇنيادىن نامراتلارنى، يالماش ئۈچۈن ئىنسانلار ئارىىسىدىكى موھتاجلارنى، باردۇر ئۇلارنىڭ قىلىچتەك چىشلىرى، پىچاقتەك ئېزىق چىشلىرى،


يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite