Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 2:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 يېقىندىن بۇيان سىلەر خەلقىمگە قارشى دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالدىڭلار. سىلەر ئۇرۇشتىن قايتىپ يولدىن خاتىرجەم ئۆتۈۋاتقانلارنىڭ چاپانلىرىنى سالدۇرۇۋالدىڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 2:8
10 Referans Kwoze  

ماناسسە قەبىلىسى ئەفرايىم قەبىلىسىنى يەيدۇ، ئەفرايىم ماناسسەنى يەيدۇ، ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ، ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


ئۇ ھەمراھىم مۇشت كۆتۈردى، ئۆزىنى دوست بىلگەنلەرگە. خىلاپلىق قىلدى ئۇ ھەم دوستىغا بەرگەن ۋەدىسىگە.


بىز ئىسرائىلىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر، سادىق كىشىلىرىمىز. سىلى ئىسرائىلىيەنىڭ بۇ ئانا شەھىرىنى ۋەيران قىلماقچى بولدىلا. سىلى نېمىدەپ پەرۋەردىگارغا تەۋە بولغان بۇ شەھەرنى يوق قىلماقچى بولۇۋاتىلا؟ _ دېدى.


«ئۆز خەلقىم» دەپ ئاتىغان بۇ خەلق ئورمانلىقتىكى شىردەك ماڭا ئېتىلدى. ئۇلار ماڭا قاراپ ھۆركىرىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.


سىلەر ياخشىلىقتىن نەپرەتلىنىسىلەر، رەزىللىكنى ياخشى كۆرىسىلەر. خەلقىمنىڭ تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر، گۆشىنى شىلىسىلەر.


خەلقىمنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر، تېرىسىنى تەتۈر سويىسىلەر. قازانغا سېلىنىدىغان گۆشتەك، سۆڭەكلىرىنى چېقىپ، گۆشلىرىنى پارچىلايسىلەر.


سەمىمىي ئادەملەر ئۆلۈپ تۈگىدى. زېمىندا دۇرۇس ئادەم قالمىدى. ھەممە ئادەم قان تۆكىمەن دەپ، بىر-بىرىنى پايلاپ تۇرۇشىدۇ. ھەتتا قېرىنداشلىرىغىمۇ تۇزاق قۇرىدۇ.


ئۇلارنىڭ قوللىرى رەزىللىك قىلىشقا ئۇستىدۇر. ئەمەلدار ۋە سوتچىلار پارىخوردۇر. ھوقۇقدارلار خالىغىنىنى قىلىدۇ، ھەممىسى تىل بىرىكتۈرۈپ، ئېغىز بۇرۇن يالىشىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite