6 خەلق ماڭا مۇنداق دېدى: «بىزگە بۇنداق گەپلەرنى قىلما، بۇنداق بالا-قازالار ھەققىدە بېشارەت بەرمە. بىز ھەرگىز شەرمەندە بولمايمىز!»
بىراق سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار. سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار.
ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ. ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار. بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.
ۋە ئەلچىلەرنى چاقىرتىپ كىرىپ، ئۇلارنى قامچىلىتىپ، ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسا توغرۇلۇق تەلىم بەرمەسلىكنى بۇيرۇدى. ئاندىن، ئۇلارنى قويۇپ بەردى.
ئىستىپان سۆزىنى ئاياغلاشتۇرۇپ: - ئەي، بوينى، يۈرىكى ۋە قۇلىقى قاتتىقلار! سىلەر خەتنە قىلىنمىغان كاپىرلارغا ئوخشاش جاھىل! سىلەر ئەجدادلىرىڭلارغا ئوخشاش، خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا دائىم قارشىلىق قىلىۋاتىسىلەر!
- بىز سىلەرنى ئەيسا ھەققىدە كىشىلەرگە تەلىم بەرمەڭلار، دەپ قاتتىق چەكلىگەنىدۇق. لېكىن، سىلەر يەنە شۇ تەلىمىڭلارنى پۈتۈن يېرۇسالېمغا يايدىڭلار ھەمدە ئەيسانىڭ قان قەرزىنى بىزگە ئارتماقچى بولۇۋاتىسىلەر! - دېدى.
لېكىن، بۇ ئىشنىڭ خەلق ئىچىدە تېخىمۇ كەڭ تارقىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا بۇندىن كېيىن ئەيسا توغرىسىدا ھېچكىمگە بىر نېمە دېمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بېرەيلى! - دەپ مەسلىھەت قىلىشتى.
چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»
لېكىن بەيتەلدە ھەرگىز ۋەھىي يەتكۈزگۈچى بولما. چۈنكى بۇ يەردە خانلىق سەجدىگاھ ۋە خەلقنىڭ چوڭ بۇتخانىسى بار.
_ ئەي ئادەم بالىسى، يېرۇسالېمغا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى ئىبادەتخانىغا قارشى سۆزلە، ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز
_ ئەي ئادەم بالىسى، جەنۇبقا يۈزلىنىپ تۇرۇپ، نەگېبتىكى ئورمانلىققا قارشى ۋەھىيىمنى يەتكۈز
سېنىڭ بۇ ئاسىي خەلقنى ئەيىبلىيەلمەسلىكىڭ ئۈچۈن، مەن تىلىڭنى تاڭلىيىڭغا چاپلاپ، سېنى گاچا قىلىپ قويىمەن. ئۇلار ئاسىي خەلقتۇر.
كارامەتلىرىڭ غايىب بولدى ئارىمىزدىن، پەيغەمبەرمۇ كەتتى يىراق يېنىمىزدىن. قاچانغىچە داۋام قىلار بۇ ئىشلار-ھە، ھېچكىم بىلمەس بۇنى ئەگەر سوراپ باقساڭ ھەممىسىدىن.
پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى. پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان. غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان.
سەن ماڭا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈشنى ۋە ئىسھاق ئەۋلادلىرىغا قارشى سۆزلەشنى توختات» دېدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سال!
قاراڭغۇلۇق سىلەرنى قاپساپ كەلمەكتە، ئەمدى ساختا غايىبانە ئالامەتلەرنى توقۇيالمايسىلەر. سىلەرنى زۇلمەت قاپلايدۇ، پال ئاچالمايسىلەر. سىلەر ئۈچۈن قۇياش پاتىدۇ، كۈندۈز قاراڭغۇلۇققا ئايلىنىدۇ.