2 ئۇلار باشقىلارنىڭ يېرىنىڭ كويىدا بولسا يېرىنى، باشقىلارنىڭ ئۆيىنىڭ كويىدا بولسا، ئۆيىنى تارتىۋالىدۇ. بىرسىنى ئۆيىدىن، يەنە بىرسىنى مىراسىدىن ئايرىيدۇ.
ئۆيى تۇرۇپ يەنە ئۆي قوشۇۋالغانلار، قورۇقىغا يەنە قورۇق قېتىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! بۇ زېمىندا باشقىلارغا جاي قالدۇرمىدىڭلار، ئەمدى ئۆزۈڭلار يالغۇز ياشايسىلەر.
يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار.
ئەمما سەن قەلبىڭنى زۇلۇم ۋە زوراۋانلىققا مايىل قىلدىڭ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ، كۆزلىرىڭنى پەقەتلا دۇرۇس بولمىغان مەنپەئەتكە تىكتىڭ.»
نامرات ۋە موھتاجلارنى بوزەك قىلسا، ئوغرىلىق قىلسا، باشقىلار گۆرۈگە قويغان نەرسىلەرنى ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا، بۇتقا چوقۇنۇپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلسا،
چۈنكى، پۇلپەرەسلىك ھەر خىل يامانلىقنىڭ يىلتىزىدۇر. بەزىلەر باي بولۇش ھەۋىسى بىلەن ئېتىقادتىن چەتنەپ، ئۆزىگە تۈگىمەس ئازاب تېپىۋالدى.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}
شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە يات ئەللەردىن بولغان مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن».
ئەي ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يېتەكچىلىرى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھۆكۈمرانلىرى، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! سىلەر ئادالەتنى ئۆچ كۆرىسىلەر، ھەقىقەتنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىسىلەر.
يەنە بەزىلىرى پۇل ئۈچۈن قاتىللىق قىلىدۇ، بەرگەن قەرزلىرىدىن ئۆسۈم ياكى جازانە ئالىدۇ ۋە باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلىدۇ. ئۇلار مېنى ئۇنتۇپ كەتتى. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
«مەنكى پەرۋەردىگار تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم. مەن بۇ قان قەرزنى ساڭا مۇشۇ ئېتىزلىقتا ياندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر». ئەمدى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېتىزلىققا تاشلىۋەت، _ دېدى.
باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئايالى، قۇللىرى، دېدەكلىرى، ئۆكۈزلىرى، ئېشەكلىرى ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭلارنى سالماڭلار.
ئەگەر ئېتىزلىرىم ماڭا قارشى پەرياد قىلىپ، چۆنەكلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئەرز قىلسا،
بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن مۇنداق بىر ئىش يۈز بەردى: نابوت ئىسىملىك يىزرىئەللىك بىر كىشى بار بولۇپ، ئۇنىڭ بىر ئۈزۈمزارلىقى بار ئىدى. بۇ ئۈزۈمزارلىق سامارىيە پادىشاھى ئاخابنىڭ يىزرىئەل شەھىرىدىكى ئوردىسىنىڭ يېنىدا ئىدى.
ئۇ يەنە ماڭا: _ ئەي ئادەم بالىسى، كۆردۈڭمۇ؟ يەھۇدىيە خەلقىنىڭ بۇ يىرگىنچلىك ئىشلىرى كىچىك ئىشمۇ؟ ئۇلار پۈتۈن زېمىندا زورلۇق-زومبۇلۇق قىلىپ، غەزىپىمنى تېخىمۇ قوزغىدى. ئۇلار مېنى مەنسىتمەي، قوللىرىدا شاخ تۇتۇپ، بۇتقا چوقۇندى.
سەندىكى ھارام يول بىلەن پۇل تاپقانلار ۋە قان تۆككەنلەرگە غەزەپ ئىچىدە مۇشتۇملىرىمنى تۈگىمەن.
سىلەر قىلىچقا تايىنىپ ياشايسىلەر، يىرگىنچلىك قىلمىشلارنى قىلىسىلەر، باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىسىلەر. شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىشقا نېمە ھەققىڭلار بار؟»
پادىشاھ خەلقىنى ھەيدىۋېتىپ، يېرىنى تارتىۋالمىسۇن. پادىشاھ پەقەت ئۆز يېرىنىلا ئوغۇللىرىغا مىراس قالدۇرالايدۇ. شۇندىلا خەلقىم مۈلكى بولغان يېرىدىن ھەيدىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىپ قالىدۇ.
ئۇلار ئاجىزلارنى خۇددى كوچىدىكى توپىنى دەسسىگەندەك دەسسىدى. يوقسۇللارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى. ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوخشاش بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ، مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.
شەھەردىكى بايلار زوراۋانلىق، ئاھالىلەر يالغانچىلىق قىلماقتا، ئۇلارنىڭ تىلى ھىيلىگە تولغاندۇر.
ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ: «سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار، يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار. سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم ئىشلىتىدىغان، يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.
ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: _ ئەي ئىسرائىللارنىڭ يېتەكچىلىرى، بولدى بەس! ئەمدى زوراۋانلىق ۋە زۇلۇمنى قويۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت بىلەن ئىش قىلىڭلار، خەلقىمنى ئۆز يەرلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلماڭلار. بۇ مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.
ئەي باشاندىكى بوردالغان ئىنەكلەردەك سامارىيە ئاياللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيەدىكى ئاياللار، قۇلاق سېلىڭلار. سىلەر نامراتلارغا زۇلۇم قىلىپ، موھتاجلارنى ئېزىسىلەر. سىلەر ھەمىشە ئەرلىرىڭلارغا: «بىزگە يەنە شاراب ئەكېلىپ بېرىڭلار!» دەيسىلەر.