مىكاھ 2:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 ئورنۇڭلاردىن قوپۇڭلار! بۇ يەردىن كېتىڭلار. بۇ زېمىن ئەمدى سىلەرگە خاتىرجەم ماكان بولالمايدۇ! بۇ زېمىننى سىلەر گۇناھىڭلار بىلەن بۇلغىدىڭلار، ئۇنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدىڭلار. Gade chapit la |
ئەتراپىڭلاردىكى تاقىر تاغلارغا قاراپ بېقىڭلار، ئۇ يەرلەردە بۇتلارغا چوقۇنۇپ، پاھىشىۋازلىق قىلمىغان جاي قالدىمۇ؟ سىلەر يول بويىدا خېرىدار كۈتۈۋاتقان پاھىشىلەرگە ئوخشاش ئولتۇرىسىلەر. سىلەر خۇددى چۆلدە ئولجا كۈتۈپ، يوشۇرۇنۇپ تۇرغان قاراقچىلارغا ئوخشايسىلەر. سىلەرنىڭ يات ئىلاھلار بىلەن قىلغان پاھىشىۋازلىقىڭلار بۇ زېمىننى بۇلغىدى.