Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 1:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 1:9
15 Referans Kwoze  

ماروت ئاھالىسى ئەنسىرەپ، مەدەت كۈتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاپىتى يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى.


نېمە ئۈچۈن مەن دائىم ئازاب چېكىمەن؟ نېمىشقا يارىلىرىمنى ساقايتمايسەن؟ نېمىشقا ئۇلار ساقايمايدۇ؟ سەن يازدا قۇرۇپ كېتىدىغان ئېرىققا ئوخشاش، مېنى ئۈمىدسىزلەندۈرمەكچىمۇ؟


سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ، بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.


ئى مىسىر خەلقى، سىلەر بىكاردىن-بىكار نۇرغۇنلىغان دورىلارنى تەييارلىدىڭلار، گىلئادقا بېرىپ، مەلھەممۇ تېپىپ كېلىڭلار، لېكىن سىلەر بەرىبىر ساقايمايسىلەر.


شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم، گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن.


سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس، سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر. سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ. كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟!


خىزكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى.


كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىن زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمغا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite