8 شۇڭا مەن مىكاھ سامارىيە ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ، پەرياد قىلىمەن. يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كېزىپ يۈرىمەن. چىلبۆرىدەك، ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلاپ، پەرياد قىلىمەن.
شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى: «ماڭا قارىماڭلار! مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن. ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»
يېرۇسالېم خەلقىنىڭ ئۈمىدسىزلىنىپ يىغلاۋاتقانلىقىنى ئاڭلاڭلار: ‹بىز پۈتۈنلەي گۇمران بولۇپ، نومۇستا قالدۇق! ئۆيلىرىمىز بۇزۇۋېتىلگەچكە، ئۆز زېمىنىمىزدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدۇق!›»
مەن مۇنداق دېدىم: «تاغلار ئۈچۈن نالە قىلىپ ياش تۆكىمەن. مەن كەڭ كەتكەن يايلاقلار ئۈچۈن ماتەم تۇتىمەن. ئۇلار ۋەيران بولغانلىقىدىن ھېچكىم ئۇ يەرلەردىن ئۆتمەيدۇ. كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى ئاڭلانمايدۇ. ھەتتا ئاسماندا ئۇچۇۋاتقان قۇشلار ۋە دالالاردىكى ياۋايى ھايۋانلارمۇ قېچىپ كېتىدۇ.»
بېشىم قۇدۇق، كۆزلىرىم بۇلاق بولغاي، ئۆلتۈرۈلگەن خەلقىمگە كېچە-كۈندۈز يىغلاي.
مەن يەرەمىيا مۇنداق دېدىم: «بۇ بىر ئازاب! مەن بۇ ئازابقا بەرداشلىق بېرەلمەيمەن! ۋاي يۈرىكىم! يۈرىكىم قاتتىق سوقۇۋاتىدۇ! مەن سۆزلىمەي تۇرالمايمەن. مەن دۈشمەننىڭ بۇرغا ۋە جەڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلاۋاتىمەن.
بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ، ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا. مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ. كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.
شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن. ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، كۆز ياشلىرىمغا چىلىشىپ كېتىسىلەر، سىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋەڭلار ۋە مول ھوسۇل شادلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.
بۇ يەر چۆل جانلىقلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇۋقۇشلار تولۇپ كېتىدۇ. ئۇ يەردە تۆگە قۇشلار ياشايدۇ، ياۋا ئۆچكىلەر تاقلاپ يۈرىدۇ.
مەن گويا باياۋاندا ئۇچۇپ يۈرگەن تازقارىمەن، ۋەيرانە خارابىنى ماكان قىلغان ھۇۋقۇشمەن.
مەن چىلبۆرىنىڭ قېرىندىشى، ھۇۋقۇشنىڭ ھەمراھى بولۇپ قالدىم.
ئۇ راموتقا بارغاندىن كېيىن، ئۇمۇ كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ، بىر كېچە-كۈندۈز سامۇئىلنىڭ ئالدىدا ھاياجانلانغان ھالدا زىكىر قىلدى. ئۇ يىقىلغان پېتى يالىڭاچ ياتتى. شۇنىڭدىن كېيىن «سائۇلمۇ پەيغەمبەرلەردىنمىدۇ؟» دېگەن سۆز كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا تارقالدى.
بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ. بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى، ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.
قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار، ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار. ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ، ئۈستۈڭلەرگە ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار!
_ ئەي ئادەم بالىسى، مىسىر خەلقى ئۈچۈن ھازا تۇت. ئۇلارنى ۋە قۇدرەتلىك ئەللەرنى ئۆلۈكلەر ماكانىدىكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلۈكلەر ماكانىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرىغا مەھكۇم قىل.
ئۇ كۈن كەلگەندە، يات خەلقلەر سىلەرنى زاڭلىق قىلىپ: ‹بىز تۈگەشتۇق، پەرۋەردىگار زېمىنىمىزنى باشقىلارغا بېرىۋەتتى. مۈلكىمىزنى ئېلىپ كەتتى، بىزگە خائىنلىق قىلغانلارغا يەرلىرىمىزنى ئېلىپ بەردى.› دەپ مەسخىرە ناخشىسى ئوقۇشىدۇ.»
پادىشاھ خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى.
موردىكاي بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئىنتايىن قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، بېشىغا كۈل چېچىپ، سۇزا قەلئەسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ، ناھايىتى قاتتىق ئاھۇپەرياد كۆتۈردى.