Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 1:6 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

6 شۇڭا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن پەرۋەردىگار سامارىيە شەھىرىنى ۋەيران قىلىمەن، شەھەر ئورنىغا ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىنىدۇ. بۇ شەھەرنىڭ تاشلىرىنى جىلغىغا غۇلىتىمەن، شەھەردىكى ئۆيلەرنىڭ ئۇللىرى ئېچىلىپ قالىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 1:6
19 Referans Kwoze  

مەن سىلەرنىڭ ھاكلاپ قويغان تېمىڭلارنى تۈزلەپ، ئۇلىنى ئېچىپ قويىمەن. ۋەيران قىلىنغان تام قەبرەڭلار بولىدۇ. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر.›


شۇڭا سىلەرنىڭ سەۋەبىڭلاردىن سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ.


ئاھ، ئالتۇن يوقاتقان جۇلاسىنى، ساپ ئالتۇنمۇ ئۆزگەرتكەن رەڭگىنى! ئىبادەتخانىنىڭ تاشلىرى چېچىلغان كوچىلارغا.


سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟ مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن. بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن. سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - مانا بۇلارنى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى.


ھەم كەلدىڭ ئۆز خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا، تاللىغىنىڭغا نىجاتلىق بېرىشكە! سەن رەزىللەرنىڭ يول باشلامچىسىنى ئۇردۇڭ، ۋەيران قىلدىڭ پۈتۈنلەي ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنى. سېلاھ


سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ، ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر. شۇڭا سىلەر يونۇلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر، ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.


سامارىيە قىلغان گۇناھلىرى ئۈچۈن چوقۇم جازالىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆز خۇداسىغا ئاسىيلىق قىلدى. ئۇلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ، بالىلىرى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنى يېرىلىدۇ.»


بابىل خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىپ، چىلبۆرىلەر ئۇ يەرنى ماكان تۇتىدۇ. ئۇ قورقۇنچلۇق ھالەتكە چۈشۈپ، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالىدۇ ۋە ھېچكىم ئۇ يەردە ياشىمايدۇ.


ئەي بابىل، سەن تاغدەك بولۇپ، دۇنيانى ھالاك قىلدىڭ. مەن ئەمدى ساڭا قارشى تۇرىمەن. مەن قۇدرەتلىك قولۇمنى ساڭا قارشى سوزۇپ، سېنى تىك ياردىن ئىتتىرىۋېتىمەن. سېنى كۆيۈپ كەتكەن تاغدەك قىلىپ قويىمەن.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن يېرۇسالېمنى بىر خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەرنى چىلبۆرىلەر ماكان قىلىدۇ. مەن يەھۇدىيە شەھەرلىرىنى ۋەيران قىلىمەن، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىيالمايدۇ.»


ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.


سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ، مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى، يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.


داۋۇت چېكىنىپ بىرەر شەھەرگە كىرىۋالسا، بىز پۈتۈن ئىسرائىللار ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ سېپىللىرىنى جىلغىغا تارتىپ چۈشۈرىمىز. ھەتتا شەھەرنىڭ ئورنىدا كىچىككىنە بىر تال تاشمۇ قالمايدۇ.


بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر: «قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ، ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!


سىلەر سامارىيەنىڭ تاغلىرىدا قايتىدىن ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىسىلەر، ئۇلارنى بەرپا قىلغانلار ئۇلارنىڭ مېۋىلىرىدىن ھۇزۇرلىنىدۇ.


خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 4- يىلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى بولغان ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 7-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ئۈچۈن كەلدى.


سامارىيە شەھىرى قورشاۋغا ئېلىنغان ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 6- يىلى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 9- يىلى ئاسسۇرلار سامارىيەنى ئىگىلىدى.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن. ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى ئۆچ كۆرىمەن. شەھەرلەرنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.»


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite