Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 1:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، چېچىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار. جانجىگەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلار ئۈچۈن نالە قىلىڭلار. بېشىڭلار تازقارىنىڭ بېشىدەك تاقىر بولسۇن. چۈنكى ئوغۇل-قىزلىرىڭلار سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 1:16
18 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار! چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.


شۇڭا ئەي يېرۇسالېملىقلار، ماتەم تۇتۇپ، چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار! تاقىر تاغلارغا چىقىپ ماتەم ناخشىسىنى ئېيتىڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار غەزەپلىنىپ، بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنى رەت قىلدى ۋە ئۇلارنى تاشلىۋەتتى» دېگىن.


ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:


بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە، خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن. ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ، چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر. سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن. پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»


بۇ زېمىندىكى بايلارمۇ كەمبەغەللەرمۇ ئوخشاشلا ئۆلىدۇ. ئۇلار دەپنە قىلىنمايدۇ ياكى ئۇلارغا ماتەم تۇتالمايدۇ. كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن بەدەنلىرىنى تىلىپ ياكى چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، قايغۇ-ھەسىرەتلىرىنى ئىپادىلىمەيدۇ.


شۇنىڭ بىلەن مەن دېدىم: «ئەي، مېنىڭ قەدىرلىك خەلقىم، ماتەملىك كىيىمىڭلارنى كىيىپ، كۈلگە مىلىنىپ، قايغۇ-ھەسرەتكە چۆمۈڭلار. خۇددى يالغۇز بالاڭلارنى يوقىتىپ قويغاندەك قاتتىق قايغۇرۇڭلار. چۈنكى ۋەيران قىلغۇچى قوشۇن ناھايىتى تېزلا كېلىپ، بىزگە ھۇجۇم قىلىدۇ.»


موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ. موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ. ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.


ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، خەلقنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى ئاسسۇردىكى خالاخ شەھىرىگە، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرىگە ۋە مىدىيادىكى شەھەرلەرگە ئورۇنلاشتۇردى.


ئوغۇل-قىزلىرىڭلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ يېنىڭلاردا بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ.


گازا شەھىرى ھازا تۇتۇپ چېچىنى چۈشۈرىدۇ. ئاشقىلون شەھىرى جىمىقتۇرۇلىدۇ. ئەي تۈزلەڭلىكتە ھايات قالغان فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر قاچانغىچە تېنىڭلارنى تىلىسىلەر؟


ئۇ: ‹ياروبئام قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ› دەيدۇ.»


ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ، ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ. زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ، ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن. ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»


شۇڭا ماتەملىك كىيىملىرىڭلارنى كىيىپ، قايغۇرۇپ، ھازا تۇتۇڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە بولغان غەزىپى تېخى بېسىلمىدى.


ئويغىنىپ كېچىلىرى نەچچە رەت، نىدا قىلغىن ئىگىمىز ئالدىدا، قەلبىڭنى ئىزھار قىلغىن ئۇنىڭغا. قول كۆتۈرۈپ ئۆتۈنگىن ئىگەڭدىن، ئاچلىقتىن ھوشسىز ياتقان بالىلىرىڭ ئۈچۈن كوچىلاردا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite