Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 1:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەي لاكىش ئاھالىسى، ھارۋىلارغا يۈگۈرۈك ئاتلارنى قېتىپ، قېچىڭلار! چۈنكى سىلەر ئىسرائىلىيەنىڭ گۇناھلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال ئەگىشىپ، سىئون خەلقىنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭلار.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 1:13
27 Referans Kwoze  

كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


بۇ ۋاقىتتا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن لاكىش شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغانىدى. ئۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى يېرۇسالېمغا ئەۋەتتى. ئۇلار يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەلىكلەرگە مۇنداق دېدى:


يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى.


ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكى ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن بۇ ئىشلار يۈز بېرىدۇ. ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ نەدە ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سامارىيەدە ئەمەسمۇ؟! يەھۇدىيەلىكلەرنىڭ قەيەردە بۇتپەرەسلىك قىلغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ يېرۇسالېمدا ئەمەسمۇ؟!


ئۇنىڭ سىڭلىسى ئوھولىبا بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يەنىلا پاھىشىلىك قىلىپ، ئاچىسىدىن بەكرەك بۇزۇقچىلىققا بېرىلىپ كەتتى.


شەھەردىكى بارلىق كىشىلەر ئاتلىقلار ۋە ئوقياچىلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپلا، قورقۇپ قېچىپ كېتىدۇ. ئۇلار ئورمانلىقلارغا قاچىدۇ، قورام تاشلارنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالىدۇ. پۈتۈن شەھەرلەر تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ، ھېچكىم ئۇ يەرلەردە ياشىمايدۇ.


ئىسرائىلىيەنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغانلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇنىڭ تالاق خېتىنى بېرىپ، ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىمنى يەھۇدىيە بىلدى. بىراق ئىسرائىلىيەنىڭ ماڭا ساداقەتسىز قېرىندىشى بولغان يەھۇدىيە بۇنىڭدىن ئىبرەت ئالماي، مەندىن قورقمىدى. ئۇمۇ خۇددى پاھىشىگە ئوخشاش، بۇت ئىلاھلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى.


ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى.


مادمېنا شەھىرىدىكى خەلقلەر قاچىدۇ، گېبىم شەھىرىدىكىلەر قېچىپ پاناھلىنىدۇ.


ئادورايىم، لاكىش، ئازېقا،


يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.


ئاخابقا نىسبەتەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئوخشاش گۇناھ ئۆتكۈزۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەس ئىدى. ئۇ ھەتتا سىدون پادىشاھى ئەتبائالنىڭ قىزى ئىزەبەلنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇندى


ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.


لاكىش، بوزقات، ئەگلون،


مۇسا ھارۇنغا: _ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا پاتتۇرغۇدەك، ئۇلار ساڭا نېمە يامانلىق قىلغانىدى؟ _ دېدى.


ئۇلار شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى: _ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار، تاغقا قېچىڭلار! بولمىسا، ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


ئۇلار جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ ئاتلىرى ۋە باشقا ئاتلار ئۈچۈن ئارپا ۋە سامانلارنىمۇ ئۆز نۆۋىتى بويىچە بەلگىلەنگەن يەرگە يەتكۈزۈپ بېرىشەتتى.


يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى.


كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىن زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمغا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.


ياۋايى بۇقىنى ساپانغا قاتالامسەن؟ ئۇ سەن بىلەن جىلغىدا يەر ئاغدۇرۇشقا كۆنەمدۇ؟


بابىل پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېم، لاكىش ۋە ئازېقا شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقانىدى. چۈنكى يەھۇدىيەنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىدىن پەقەت مۇشۇ شەھەرلەرلا قالغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite