Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 1:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 ماروت ئاھالىسى ئەنسىرەپ، مەدەت كۈتىدۇ. چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاپىتى يېرۇسالېمنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قالدى.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 1:12
9 Referans Kwoze  

ئى پەرۋەردىگار، سەن يەھۇدىيەنى پۈتۈنلەي تاشلىۋەتتىڭمۇ؟ سەن سىئون خەلقىدىن نەپرەتلىنەمسەن؟ نېمە ئۈچۈن بىزنى ساقايغىلى بولمايدىغان ھالەتتە ئېغىر يارىلاندۇرىسەن؟ بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


سامارىيەنىڭ يارىسىنى ساقايتقىلى بولمايدۇ، بۇ بالا-قازا يەھۇدىيەگىمۇ يېتىپ بارىدۇ. بالا-قازا خەلقىم ياشايدىغان شەھەرنىڭ دەرۋازىسىغا، يەنى يېرۇسالېمغا قىستاپ كەلمەكتە.


شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا، كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟ پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا، شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟


بىز تىنچلىقنى ئىزدىدۇق، لېكىن ھېچبىر ياخشى ئىش يۈز بەرمىدى. جاراھەتلىرىمىزنىڭ ساقىيىدىغان ۋاقتىنى كۈتكەنىدۇق، ئەمما ۋەھىمىدە قالدۇق.


مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم. مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن. مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.


بەختكە ئىنتىلسەم بالا-قازاغا ئۇچرىدىم، يورۇقلۇققا تەلپۈنسەم قاراڭغۇدا قالدىم.


ئۇ چاغدا ئەلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىدىن ئەنسىرەپ، يول بويىدىكى ئورۇندۇقىدا خەۋەر كۈتۈپ ئولتۇراتتى. ھېلىقى ئادەم شەھەرگە كىرىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئېيتىپ بەرگەندە، پۈتكۈل خەلق داد-پەرياد كۆتۈرۈشتى.


نائومى: _ مېنى نائومى [مەنىسى «تاتلىق»] دېمەي، مارا [مەنىسى «ئاچچىق»] دەڭلار! _ دېدى. ئۇ يەنە ئۇلارغا: _ ھەممىگە قادىر خۇدا مېنى شور پېشانە قىلدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite