Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 1:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ئەي شافىر ئاھالىسى، يالىڭاچ ۋە خورلۇق ئىچىدە سۈرگۈن بولىسىلەر. زائانان ئاھالىسى شەھەردىن چىقىشقا پېتىنالمايدۇ. بەيت-ئېزەل ئاھالىسى ئېچىنىپ يىغلايدۇ، ئۇلار ئەمدى سىلەرگە پاناھ بولالمايدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 1:11
12 Referans Kwoze  

چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى، مىسىرلىقلار ۋە ئېفىيوپىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز يالىڭاچ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇس.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي نىنەۋى، ئاڭلاپ تۇر! مەن ساڭا قارشىدۇرمەن! مەن كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىۋېتىپ، يۈزۈڭگە يېپىپ قويىمەن. ئەللەرگە سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭنى كۆرسىتىمەن. ئەللەر ئالدىدا سېنى شەرمەندە قىلىمەن.


شۇڭا مەن مىكاھ سامارىيە ئۈچۈن ھازا تۇتۇپ، پەرياد قىلىمەن. يالاڭ ئاياغ، يالىڭاچ كېزىپ يۈرىمەن. چىلبۆرىدەك، ھۇۋقۇشتەك ھۇۋلاپ، پەرياد قىلىمەن.


ئۇلار ساڭا تولۇپ تاشقان ئۆچمەنلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. سېنىڭ تىرىشىپ تاپقانلىرىڭنى تارتىۋالىدۇ، سەن يالىڭاچ قالىسەن. سېنىڭ پاھىشىلىكىڭ ئاشكارا بولۇپ، چاۋاڭ چىتقا يېيىلىدۇ.


شۇڭا مەن سەن ياخشى كۆرىدىغان ھەم نەپرەتلىنىدىغان ھەممە ئاشنىلىرىڭنى يىغىپ ئەكېلىپ، ئۇلارنى ساڭا ھەممە تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. سېنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يالىڭاچلاپ، تېنىڭنى ئۇلارغا سازايى قىلىمەن.


موئاب ئۈچۈن بىر قەبرە تۇرغۇزۇڭلار. چۈنكى ئۇ جەزمەن ۋەيران قىلىنىدۇ! ئۇنىڭ شەھەرلىرى قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ، ئۇ يەرلەردە ھېچكىم ياشىمايدۇ.


ئۇلار ‹قېچىڭلار! ھەتتا چۆلدىكى يېگانە چاتقالغا ئوخشاش قالساڭلارمۇ، قېچىپ ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!› دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ.


سەن بەلكىم ئۆزۈڭدىن: ‹نېمە ئۈچۈن بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ھەممىسى ماڭا كېلىدۇ؟› دەپ سورايسەن. گۇناھلىرىڭنىڭ كۆپلۈكى تۈپەيلىدىن شۇنداق بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن كىيىملىرىڭ يىرتىلىپ، دەپسەندە قىلىندىڭ.


موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.


بۇنىڭدىن باشقا، زىنان، خاداشا، مىگدال-گاد،


سىلەر ئازال دېگەن جايغىچە سوزۇلغان بۇ جىلغىدىن قېچىپ ئۆتىسىلەر. سىلەر خۇددى يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا دەۋرىدە خەلق يەر تەۋرەشتىن قاچقاندەك قاچىسىلەر. ئۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگارىم خۇدا بارلىق پەرىشتىلىرى بىلەن بىرگە كېلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite