11 بۇنى كۆرگەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - ئۇستازىڭلارنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.
ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن. ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت بەرگەن مېۋىسى بىلەن تونۇلىدۇ.
كېيىن، بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا: - سىلەرنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.
پەرىسىي دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ گۇناھكار دەپ قارالغانلار ۋە باجگىرلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، شاگىرتلىرىغا: - ئۇنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنى قانداق گەپ؟! - دېيىشتى.
ۋە خۇدانىڭ يولىنى بىلمەي يولدىن چەتنىگەنلەرگە مۇلايىملىق بىلەن مۇئامىلە قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇنىڭمۇ نۇرغۇن ئاجىزلىقلىرى بار.
بىز ئىككىمىز تۇغۇلۇشىمىزدىنلا يەھۇدىيمىز، گۇناھكار دەپ قارالغان يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئەمەسمىز.
بۇنى كۆرگەن جامائەت: - بۇ ئادەم گۇناھكارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى! - دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.
شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما، چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ. بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك، خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ.
ئەگەر بىرەر كىشى سىلەرنىڭ جامائەتچىلىكىڭلارغا ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىملىرىنى ئەمەس، بەلكى باشقىچە تەلىم ئېلىپ كەلگەن بولسا، ئۇنى ئۆيۈڭلارغا تەكلىپ قىلماڭلار ھەم ئۇنى قارشى ئالماڭلار.
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ قانداقمۇ ئىنئامغا ئېرىشكۈچىلىكى بولسۇن؟ ھەتتا ئىنساپسىز باجگىرلارمۇ شۇنداق قىلىۋاتمامدۇ؟
ھەزرىتى ئەيسا مەتتانىڭ ئۆيىدە مېھماندارچىلىقتا بولۇۋاتقاندا، نۇرغۇن باجگىرلار ۋە گۇناھكار دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرمۇ كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى.
- سېنىڭ خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولغىنىڭ زادى قانداق ئىش؟! - دېدى.