Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 8:9
17 Referans Kwoze  

قۇللارغا ھەرقانداق ئىشتا خوجايىنلىرىغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەممە ئىشتا ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خوجايىنلىرىنى رازى قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار باشقىلارنى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرگە ھەر جەھەتتىن جەلپ قىلالايدۇ.


ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا ھەممە ئىشتا بويسۇنۇڭلار. بۇنى ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە چىن قەلبىڭلار ۋە رەببىمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بىلەن قىلىڭلار.


مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.


مەدھىيەلەڭلار خۇدانى قار ۋە مۆلدۈر، چاقماق بىلەن تۇمانلار، ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە بويسۇنغان ئەي كۈچلۈك بورانلار.


ئەمرىڭ بىلەن مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا پۈتۈن دۇنيا، چۈنكى پۈتكۈل مەۋجۇدات قۇلدۇر ساڭا.


يۈزبېشى: - تەقسىر، ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. پەقەت بىر ئېغىزلا سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ.


بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بىللە كەلگەنلەرگە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنداق ئىشەنچنى ئىسرائىللار ئىچىدە ئۇچراتمىغانىدىم.


بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە: - بۇ قانداق ئىش؟ يىپيېڭى بىر تەلىمغۇ! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن! ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، - دېيىشتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق جىننى ھەيدەش، كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىنى بەردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite