2 ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تىزلىنىپ: - تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! - دېدى.
چاكار يەرگە تىزلىنىپ تۇرۇپ، خوجايىنى پادىشاھقا: «ماڭا كەڭچىلىك قىلغايلا، پۈتۈن قەرزىمنى چوقۇم تۆلەيمەن» دەپ يالۋۇرۇپتۇ.
ھېلىقى ئايال ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - ئى تەقسىر، ماڭا شاپائەت قىلغايسىز! - دەپ، ئايىغىغا يىقىلدى.
ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.
پېترۇس ئۆيگە كىرگەندە، كورنىلىي ئالدىغا چىقىپ، ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلدى.
ھېلىقى ئادەم: - ئى رەببىم، ساڭا ئېتىقاد قىلدىم! - دەپ، ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلدى.
ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگىنىدە ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشتى، لېكىن بەزىلىرى گۇمان ئىچىدە ئىدى.
يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا بەيتانىيا يېزىسىدا ئىلگىرى ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان سىمۇننىڭ ئۆيىدە بولغاندا،
شۇ چاغدا، زەبەدىينىڭ ئايالى ئون ئىككى شاگىرت ئىچىدىكى ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا تەزىم قىلىپ تۇرۇپ، بىر تەلىپى بارلىقىنى ئېيتتى.
شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلىپ: - سىز ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسىز، - دېيىشتى.
ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى تۈپەيلىدىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە كۆپ مۆجىزە كۆرسەتمىدى.
ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ بىر مەسئۇلى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ: - مېنىڭ قىزىم ھازىرلا ئۆلۈپ كەتتى، سىز بېرىپ ئۇنىڭغا قولىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ تىرىلىدۇ، - دېدى.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇززىيانى جازالاپ، ئۇنى ئۆمۈرلۈك تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
شۇڭا نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى. گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىشى بىلەن ئۇنىڭ بەدىنىنى تېرە كېسىلى قاپلاپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.
بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى.
ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ: - ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، - دېدى.
توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ: - سالام سىلەرگە! - دېدى. ئۇلارمۇ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتىغا ئېسىلىپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلدى.
كېسەللەرنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. بۇ ئىمتىيازلارنى ھەقسىز ئالغانىكەنسىلەر، ھەقسىز ئىشلىتىڭلار.
- يەرگە باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساڭا بېرىۋېتىمەن، - دېدى.
ھەم ئۆيگە كىرىپ بالىنى ئانىسى مەريەم بىلەن بىللە كۆرگىنىدە، يەرگە باش قويۇپ بالىغا سەجدە قىلىشتى. ئاندىن، ساندۇقلىرىنى ئېچىپ، ئالتۇن، مەستەك، مۇرمەككى قاتارلىق سوۋغاتلارنى ئېلىپ سۇنۇشتى.
ئاررام پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە ئاتا قىلغانىدى. ئۇ باتۇر بىر جەڭچى ئىدى، لېكىن ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالغانىدى.
مەن خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان پادىشاھ بولساممۇ، لېكىن مەن يەنىلا ئاجىزمەن. زىرۇيانىڭ بۇ ئىككى ئوغلى، يەنى يوئاب بىلەن ئابىشاي زوراۋانلاردۇر، مەن ئۇلارنى باشقۇرالمايمەن. پەرۋەردىگار يامانلارنىڭ قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بەرگەي، _ دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا تاغدىن چۈشكەندە، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.
شاگىرتلار ئۇنى ئويغىتىپ: - ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز، بىزنى قۇتۇلدۇرغايسىز! - دېدى.
- ئى رەببىم، ھەرگىز بولمايدۇ! مەن ھېچقاچان ھېچقانداق ناپاك، ھارام نەرسىنى ئاغزىمغا ئالغان ئەمەسمەن! - دېدى پېترۇس.