8 چۈنكى، تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ.
سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار مەندۇرمەن. ئېغىزىڭلارنى ئاچساڭلار، بەرىكەتكە تولدۇرىمەن.
سىلەرنى بۇغداينىڭ ئەڭ ئېسىلىدا باقار ئىدىم، تاشتىن ھەسەل چىقىرىپ تەشنالىقىڭلارنى قاندۇرار ئىدىم.»
رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن دەرھال «تۈز» كوچىسىغا بېرىپ، يەھۇدانىڭ ئۆيىدىن تارسۇسلۇق سائۇل ئىسىملىك بىرىنى تاپ، چۈنكى شۇ تاپتا ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىۋاتىدۇ.
ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر.
ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.
شادلىقىم دەپ بىلسەڭ ئەگەر پەرۋەردىگارنى، ئۇ ئەمەلگە ئاشۇرار قەلبىڭدىكى ئارزۇلارنى.
- دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ.
ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟
چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ.