Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 چۈنكى، سىلەر باشقىلار ئۈستىدىن قانداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم قىلساڭلار، خۇدامۇ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 7:2
19 Referans Kwoze  

چۈنكى، سىلەر باشقىلارغا رەھىم قىلمىساڭلار، سوراق قىلىنغاندا خۇدا سىلەرگىمۇ رەھىم قىلمايدۇ. باشقىلارغا رەھىم قىلغان بولساڭلار، خۇدانىڭ جازاسىغا ئەمەس، رەھىم قىلىشىغا ئېرىشەلەيسىلەر.


ئاڭلىغانلىرىڭلارغا زېھىن قويۇڭلار! سىلەر قانچىكى كۆپ زېھىن قويساڭلار، سىلەرگە شۇنچە كۆپ چۈشەنچە بېرىلىدۇ، ھەتتا يېتىپ ئاشقۇدەكمۇ بېرىلىدۇ.


باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.


«مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئەللەرنى سوراققا تارتىدىغان كۈنى يېقىنلاشماقتا! ئەي ئىدوم، سەن قىلمىشىڭغا يارىشا جازالىنىسەن! رەزىللىكىڭ ئۆز بېشىڭغا كېلىدۇ!


ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق. قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ. سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ، ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.


ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، ئاز تېرىغان ئاز ئالىدۇ، كۆپ تېرىغان كۆپ ئالىدۇ.


ئادونى-بەزەق: _ مەن ئىلگىرى 70 پادىشاھنىڭ پۇت-قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىنى كېسىۋەتكەنىدىم، ئۇلار مېنىڭ داستىخىنىمدىن ئاشقان تاماقلارنى تېرىپ يەيتتى. ئەمدى خۇدا قىلغانلىرىمنى ئۆزۈمگە ياندۇردى، _ دېدى. ئۇ يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن ئۆلدى.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


سامۇئىل: _ سەن قىلىچىڭ بىلەن ئانىلارنى بالىلىرىدىن ئايرىغانىدىڭ، ئەمدى سېنىڭ ئاناڭمۇ ئۆز ئوغلىدىن ئايرىلسۇن، _ دېدى. سامۇئىل ئاگاگنى گىلگالدا پەرۋەردىگار ئالدىدا قىلىچ بىلەن چېپىپ تاشلىدى.


ئۇ خۇشتار ئىدى لەنەت ئوقۇشقا، شۇڭا لەنەت كەلسۇن ئۇنىڭ بېشىغا. رايى يوق ئىدى بەخت تىلەشكە، شۇڭا بەخت يىراق بولسۇن ئۇنىڭغا.


ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.


شۇنىڭ ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە دەيمەنكى، سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىڭلارنى قويۇپ بەرمىدىڭلار. ئەمدى مەن سىلەرنى قويۇپ بېرىمەن! مەن سىلەرنى ئۇرۇش، كېسەللىك ۋە ئاچارچىلىقتا ئۆلۈشۈڭلارغا قويۇپ بېرىمەن. مەن دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلگەن ئىشلار ئارقىلىق چۆچۈتىمەن.


سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ.


كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت،


سوزۇلۇپ ياتتى يەردە سىسىرا، ياتتى يائېلنىڭ پۇتى ئالدىدا، جان بەردى ئۇ شۇ يەردىلا!


ئۇلار پادىشاھقا: _ سائۇل بىزنى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا ياشىمىسۇن دەپ، قىرىپ يوقاتماقچى بولغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite