Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سەدىقەڭلارنى يوشۇرۇن بېرىڭلار. شۇنداق بولغاندا، يوشۇرۇن قىلىنغان ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 6:4
19 Referans Kwoze  

شۇ چاغدا، پەقەت ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلاردىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتقانلىقىڭلارنى سېزەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.


دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.


مەن پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ يۈرىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئويلىرىنى سىنايمەن. مەن ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە ۋە قىلغىنىغا لايىق ياندۇرىمەن.


بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىسىز، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق. لېكىن، خۇدا ھەققانىي كىشىلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندە، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆزى قايتۇرىدۇ.


ئىگىمىز پەرۋەردىگار بايقىماي قالارمىدى؟ ئۇ بىلەر ئىنسان قەلبىدىكى بارلىق سىرلارنى.


مەن دەيمەنكى، ئەجەبا، ئادەملەر يوشۇرۇنۇۋالسا، مەن كۆرەلمەي قالارمەنمۇ؟ ئاسمان ۋە زېمىندا مەن يوق بىرەر جاي بارمۇ؟


چۈنكى، يېپىق قويۇلغان ھەرقانداق نەرسە ئاشكارا بولماي قالمايدۇ. يوشۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسە بىلىنمەي قالمايدۇ.


شۇڭا پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ساڭا مۇنداق دەيدۇ: «ھەقىقەتەنمۇ ئەجدادلىرىڭ ۋە ئەۋلادلىرىنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ، خىزمىتىمدە بولىدىغانلىقىغا ۋەدە قىلغانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىمەن، مېنى كەمسىتكەنلەرنى خورلۇققا قالدۇرىمەن.


ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!


خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.


بىلىپ قويۇڭلاركى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتى دەپ، شاگىرتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرىگە ھەتتا بىرەر چىنە سوغۇق سۇ بەرگەن كىشىمۇ جەزمەن مېنىڭ ئىنئامىمدىن مەھرۇم قالمايدۇ.


تۈن زۇلمىتى قاراڭغۇ كۆرۈنمەس ساڭا، كېچە گويا كۈندۈزدەك يورۇپ تۇرار، قاراڭغۇلۇق يوقتۇر سەن ئۈچۈن ئەسلا.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.


سىناپ مېنىڭ قەلبىمنى، كۆزىتىپ كېچىدە خىيالىمنى، تەكشۈرۈپ باققان بولساڭمۇ مېنى، تاپالمىدىڭ ھېچبىر نۇقساننى. چىڭ يۇماي، دەپ ئويلىدىم ئاغزىمنى.


خىجالەتتە قالدۇرىسەن ئۇنى شۇندا، ياندۇرار پەرۋەردىگار ساڭا.


شۇنىڭ ئۈچۈن، سەدىقە بەرگىنىڭلاردا ئوڭ قولۇڭلارنىڭ قىلىۋاتقىنىنى سول قولۇڭلار بىلمىسۇن.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite