5 ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ:
ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ، مۇنداق دېدى: - خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا!
ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بېرىلدى. ئۇلار مۇقەددەس شەھەرنى 42 ئاي دەپسەندە قىلىدۇ.
ئۇلار قەبرىلىرىدىن چىقتى ۋە مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمغا كىرىپ، ئۇ يەردە نۇرغۇن كىشىلەرگە كۆرۈندى.
سىلەر «ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس شەھەرنىڭ پۇقرالىرى» دەپ ئاتىۋالدىڭلار. سىلەر «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىمىز، دەيسىلەر.
- سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى.
ئى ئىگەم، سەن بۇرۇن بىزگە رەھىمدىل بولغانىدىڭ، ھازىرمۇ رەھىمدىل بولۇپ، غەزەپ-نەپرىتىڭنى ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېمدىن، يەنى مۇقەددەس تېغىڭدىن نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئەللەر بىزنى، يەنى ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.
ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان، قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن! ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم، قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن. بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.
مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشقان لاۋىيلار جەمئىي 284 كىشى ئىدى.
خەلق يېتەكچىلىرى مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلاشتى، قالغانلاردىن ھەر ئون ئائىلىدىن بىرىنىڭ يېرۇسالېمدا ئولتۇراقلىشىشى ئۈچۈن چەك تاشلاشتى. چەك چىقمىغانلىرى ئۆز يۇرتلىرىدا قېپقېلىشتى.
ئالدىدىكى ئايۋاننىڭ ئۇزۇنلۇقى 5 مېتىر، ئېگىزلىكى 10 مېتىر ئىدى. كەڭلىكى 10 مېتىر بولۇپ، ئىبادەتخانىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئوخشاش ئىدى. ئىبادەتخانىنىڭ ئىچىنىڭ ھەممە يېرىگە ساپ ئالتۇن قاپلانغانىدى.