4 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆز بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى.
ئاچ قويۇپ قىيىنچىلىق سالدى، ئاندىن سىلەر ۋە ئەجدادلىرىڭلار كۆرۈپ باقمىغان ماننانى رىزىق قىلىپ بەردى. ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ ئاغزىدىن چىققان ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: - تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، - دېدى.
ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى - خۇدانىڭ روھىدۇر. بۇ ئىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق تەقدىم قىلىدۇ.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ.
خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار.
ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن: _ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. مۇسا ئۇلارغا: _ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىكىدۇر.
ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى: - تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن.
ئىسرائىللار تاكى ئادەم ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان يەرگە، يەنى كەنئان زېمىنىغا بارغۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى.
پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگىنىڭلاردۇر! _ دېدى.
- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.
- تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يەڭلار. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان ئابىب ئېيىدا ئۆتكۈزۈلسۇن. سىلەر مۇشۇ ئايدا مىسىردىن ئايرىلغانىدىڭلار. ھۇزۇرۇمغا قۇرۇق قول كەلمەڭلار.
ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئاغزىدىن كىرىدىغىنى ئەمەس، بەلكى ئاغزىدىن چىقىدىغىنىدۇر، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: - ئىنساننى ناپاك قىلىدىغىنى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىدۇر.
مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى - مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ.