2 ھەزرىتى ئەيسا قىرىق كېچە-كۈندۈز تاماق يېمەي روزا تۇتۇپ، قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
مەن يەنە بىر قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ، قىرىق كېچە-كۈندۈز نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم، چۈنكى خەلقىمىز ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. ئۇلار پەرۋەردىگار يىرگىنىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، غىزالىنىپ، شۇ تاماقنىڭ كۈچى بىلەن قىرىق كېچە-كۈندۈز يول مېڭىپ، خۇدانىڭ تېغى بولغان سىناي تېغىغا كەلدى.
مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى. ئۇ جەرياندا ئۇ ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدە سۆزلىرىنى، يەنى ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە قىرىق كۈن شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچ نەرسە يېمىدى. بۇ ۋاقىت توشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.
مەن تاغقا پەرۋەردىگارنىڭ خەلق بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى يېزىلغان تاش تاختىلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چىقتىم. تاغ ئۈستىدە 40 كېچە-كۈندۈز تۇردۇم، نان يېمىدىم، سۇ ئىچمىدىم.
پەرۋەردىگار سىلەرنى ھالاك قىلىمەن دېگەچكە، مەن ئۇنىڭ ئالدىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز ئۆزۈمنى يەرگە تاشلاپ،
مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى.
«ياقۇپ قۇدۇقى» دېگەن قۇدۇقمۇ شۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەردە چارچىغانلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ،
ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
مەن ئۇلارنىڭ ئىسرائىل قېرىنداشلىرىدىن ساڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تاللاپ، سۆزلىرىمنى ئۇنىڭ ئاغزىغا سېلىپ قويىمەن. ئۇ مېنىڭ بارلىق سۆزلىرىمنى ئۇلارغا يەتكۈزىدۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە ھەزرىتى ئەيسا شەھەرگە قايتىپ كېتىۋاتقاندا، قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.
چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا سىلەر ماڭا يېمەكلىك بەردىڭلار، ئۇسسۇز قالغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەردىڭلار، مۇساپىر بولۇپ يۈرگىنىمدە ئۆز قوينۇڭلارغا ئالدىڭلار،
چۈنكى، ئاچ قالغىنىمدا ماڭا يېمەكلىك بەرمىدىڭلار، ئۇسسىغىنىمدا ئۇسسۇلۇق بەرمىدىڭلار،