Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە ئىئوردان دەريا ۋادىلىرىدىن كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ،

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:5
9 Referans Kwoze  

كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.


يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.


شۇ چاغدا، سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى.


يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق، يەھيا كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇنىڭغا كىرمەكتە.


خالايىق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن. توپ-توپ بولۇپ كېلىشتى. بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا: - ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟!


جەلىلىيە، ئون شەھەر رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.


ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:


خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە، يەھيا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite