Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 3:4
12 Referans Kwoze  

ئۇلار پادىشاھقا: _ يۇڭدىن توقۇلغان تون كىيىپ، بېلىنى خۇرۇم تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ: _ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس ئىكەن، _ دېدى.


مەسىلەن: چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكە تىپىدىكى ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.


يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.


ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدىن ئەمەس، خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ.


ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، - دېدى.


بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن.


مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»


چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەر كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ» دېيىشتى.


ئۇلارنى ئېگىزلىكتىكى يۇرتقا ھاكىم قىلدى، ئېتىزلىرىنىڭ ھوسۇلىنى يېگۈزدى. تېتىتتى قىيا تاشتىن بالنىڭ تەمىنى، تاشلىق يەردىن زەيتۇن يېغىنى.


شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز كېزىپ يۈردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite