3 پەرىشتىنىڭ قىياپىتى چاقماقتەك، كىيىملىرى قاردەك ئاپئاق ئىدى.
ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:
كىيىملىرى كۆزنى شۇنچىلىك قاماشتۇرغۇدەك ئاپئاق بولۇپ كەتتىكى، دۇنيادىكى ھەرقانداق ئاقارتقۇچمۇ كىرنى ئۇنچىلىك ئاقارتالمايتتى.
ئۇلار قەبرىگە كىرىپ ئوڭ تەرەپتە ئاق تون كىيگەن ياش بىر ئادەمنىڭ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرگەندە، ئالاقزادە بولۇشتى.
ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى.
ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.
ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى.
ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىياپىتى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، يۈزى قۇياشتەك پارلىدى، كىيىملىرى نۇردەك ئاپئاق بولۇپ چاقنىدى.
مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى. ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى. ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى. ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ، كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.
شامال قىلىسەن پەرىشتىلىرىڭنى، ئوت يالقۇنى قىلىسەن خىزمەتكارلىرىڭنى.
قوغدىغۇچىلار ئۇنىڭدىن قورقۇپ تىترىشىپ، ئۆلۈكتەك قېتىپلا قالدى.