Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 27:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، پۈتۈن ئالىي روھانىيلار بىلەن خەلق ئاقساقاللىرى مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرۇش ئۈچۈن باغلاپ،

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 27:1
16 Referans Kwoze  

ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئالىي روھانىيلار، ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئالىي كېڭەشمىنىڭ پۈتۈن ئەزالىرى مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانى باغلاپ، ۋالىي پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى.


تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.


تاڭ ئاتقاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.


تۆشىكىدە يېتىۋېلىپ، باشقىلارغا يامانلىق ۋە رەزىللىك قىلىشنى ئويلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇلار ئويلىغان رەزىل ئىشلىرىنى قىلىدۇ، چۈنكى بۇنداق قىلىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.


سەپ تۈزۈشۈپ جاھاندىكى پادىشاھلار، ئورا كولىشىپ بىرلىكتە ھۆكۈمدارلار، پەرۋەردىگار ۋە ئۇ تاللىغان پادىشاھقا قارشى تۇرار.


ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ساختىپەز تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر! سىلەر ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىشىكىنى ئىنسانلار ئۈچۈن تاقىدىڭلار! يا ئۆزۈڭلار كىرىشنى ئويلىمىدىڭلار، يا كىرىشنى ئىستىگەنلەرنىڭ كىرىشىگە يول قويمىدىڭلار.}


ئەلچىلەر بۇ سۆز بويىچە تاڭ ئاتقاندا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. باش روھانىي ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى ئەلچىلەرنى سوراق قىلىش ئۈچۈن، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرىنى ئالىي كېڭەشمىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا چاقىردى. ئاندىن، زىنداندىكى ئەلچىلەرنى ئېلىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى.


سائۇل داۋۇتنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئۆيگە ئادەم ئەۋەتتى. چۈنكى داۋۇتنى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا ئۆلتۈرۈۋەتمەكچىدى. ئايالى مىكال داۋۇتقا: _ بۈگۈن كېچە جېنىڭىزنى ئېلىپ قاچمىسىڭىز، ئەتە ئۆلتۈرۈلىسىز، _ دېدى.


گازالىقلار شىمشوننىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، شەھەرنى قورشاۋغا ئېلىپ، كېچىچە شەھەر دەرۋازىسىدا شىمشوننى ساقلاپ تىۋىش چىقارماي، بۆكتۈرمىدە ياتتى. ئۇلار كېچىچە كۈتۈپ، «تاڭ ئېتىشى بىلەنلا شىمشوننى ئۆلتۈرۈۋېتىمىز» دېيىشتى.


ئاڭلىدىم ماڭا قىلغان تۆھمەتلەرنى، ۋەھىمە ئوراپ تۇرار ئەتراپىمنى. مەسلىھەتلىشەر ماڭا قارشى ئۇلار، پىلان تۈزەر ئالماق بولۇپ جېنىمنى.


چۈنكى دۈشمەنلىرىم مېنى قەستلىشىپ، جېنىمنى ئالماق بولغانلار بىرلىشىپ،


شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite