9 بۇ ئەتىر جىق پۇلغا يارايتتى. ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشتى.
بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر يىللىق كىرىمىمىزگە تەڭ كېلىدىكەن! ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشىپ، ئايالغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى.
شۇ ۋاقىتتا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائاماننىڭ سوۋغاتلىرىنى قوبۇل قىلمىغىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى.
ئادەملىرىم بولسا: «گىلگالدا پەرۋەردىگار خۇداغا قۇربانلىق قىلايلى» دەپ، تەلتۆكۈس يوقىتىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدىن ئەڭ ياخشى قوي، كالىلارنى تاللاپ ئېلىشتى، خالاس، _ دېدى.
ئەمما سائۇل بىلەن خەلق ئاگاگنى، شۇنداقلا قىممىتى بار سېمىز كالا، قوي، موزاي ۋە قوزىلارنى ئېلىپ قېلىپ، قىممىتى يوق، ئەرزىمەسلىرىنى بىرىنىمۇ قويماي تەلتۆكۈس ئۆلتۈرۈۋەتتى.
ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى.
شاگىرتلار بۇنى كۆرۈپ خاپا بولۇشۇپ: - نېمىشقا بۇنداق ئىسراپچىلىق قىلىسىز؟
شاگىرتلارنىڭ نارازى بولغانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - بۇ ئايالنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى.