Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 26:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بىراق، ئۇلار: - بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، - دېيىشتى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 26:5
17 Referans Kwoze  

پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ: - بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! - دېدى.


ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقمىساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايدۇ، - دېيىشتى.


ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.


بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - ھەممىڭلار مېنى تاشلاپ كېتىشىلەر، چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا: «قويچىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرىمەن، قويلىرى پاتىپاراق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.


پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان كۈنى، شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىشىپ: - ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ - دەپ سورىدى.


ئۇلار: - بۇ ئىشنى ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلمايلى. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا قالايمىقانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، - دېيىشەتتى.


مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن، تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن. مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن. مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.


ھەرقانداق دانالىق، ئەقىل-ئىدراك ياكى مەسلىھەت، قارشى بولسا پەرۋەردىگارغا، كارغا كەلمەس پەقەت.


كىشىنىڭ كۆڭلىدە پىلان كۆپتۇر، لېكىن ئەمەلگە ئاشىدىغىنى پەرۋەردىگارنىڭ مەقسىتىدۇر.


ئۇلار بىلمەستىنلا ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ ۋە ئىرادەڭ بىلەن بۇرۇنلا ئورۇنلاشتۇرغان ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.


تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.


پېتىر نان ھېيتىنىڭ قوي قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى دەپ ئاتالغان بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوي سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيتتى.


ئەگەر ئىگىمىز بۇيرۇمىغان بولسا ئۇنى، ئەمەلگە ئاشسۇن كىمنىڭمۇ سۆزى؟


خۇدا سېنىڭ غەزىپىڭ ئاشۇرار شۆھرىتىڭنى، كەمەر قىلىپ باغلىدىڭ بېلىڭگە قەھرىڭنى.


ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، - دېيىشتى.


بۇنىڭ بىلەن، پۈتۈن شەھەر ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتتى. توپىلاڭچىلار پاۋلۇسنىڭ سەپەرداشلىرىدىن ماكېدونىيىلىك گايۇس ۋە ئارىستارخۇسلارنى تۇتۇۋېلىپ، ئالدىغا سېلىپ، ئۈستى ئوچۇق تىياتىرخانىغا ئېلىپ باردى.


ئۇنداقتا، ئىلگىرى قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ، خەنجەرلىك تۆت مىڭ توپىلاڭچىنى باشلاپ چۆلگە قېچىپ كەتكەن ھېلىقى مىسىرلىق سەن ئوخشىمامسەن؟ - دەپ سورىدى قوماندان.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite