Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 26:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى قاياپا ئىسىملىك باش روھانىينىڭ سارىيىدا جەم بولۇشتى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 26:3
23 Referans Kwoze  

بۇنىڭ بىلەن، ھاننان ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش روھانىي قاياپاغا يوللىدى.


پېترۇس ھەزرىتى ئەيساغا تاكى باش روھانىينىڭ ھويلىسىغىچە يىراقتىن ئەگىشىپ بېرىپ، ھويلىدا قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئىسسىنىپ ئولتۇردى.


تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.


ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.


لېكىن سىلەر چوقۇم ماڭا ئىتائەت قىلىڭلار ۋە دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىڭلار. ئۇ كۈنى يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىدىن ھېچقانداق يۈك-تاق ئېلىپ كىرمەڭلار. ئەگەر شۇنداق قىلمىساڭلار، يېرۇسالېم دەرۋازىلىرىغا ئوت قويىمەن. ئوت يېرۇسالېمنىڭ ئوردىلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ، ھېچكىم ئۇنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.›»


مەن خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان ياۋاش قويغا ئوخشاپ قالغانىدىم. ئۇلارنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىنى، يەنى ئۇلارنىڭ: «بۇ دەرەخنى كېسىپ، مېۋىلىرىنى كۆزدىن يوقىتايلى! كېلىڭلار، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسمىنى كىشىلەر ياد ئەتمەيدىغان قىلىۋېتەيلى!» دېگەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم.


ئۇلار ماڭا يوشۇرۇن ھالدا ھۇجۇمغا چىقماقتا، چۈشۈپ مېنىڭ پېيىمگە ھاياتىمغا قەست قىلماقتا.


پېترۇس تاشقىرىدىكى ھويلىدا ئولتۇراتتى. بىر دېدەك ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: - سەن جەلىلىيىلىك ئەيسا بىلەن بىر ئىدىڭغۇ، - دېدى.


كېيىن، لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.


پېترۇس تۆۋەندىكى ھويلىدا تۇراتتى. باش روھانىينىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ،


لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى بىر سەيناغا ئېلىپ كىردى. ئاندىن، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە يىغدى.


ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ، چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite