مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 24:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى5 چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. Gade chapit la |
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: _ بۇ پەيغەمبەرلەر مېنىڭ نامىم بىلەن يالغان سۆزلەۋاتىدۇ. مەن ئۇلارنى سۆزلەشكە ئەۋەتمىدىم ياكى سۆزلەشكە بۇيرۇمىدىم. مەن ئۇلارغا ھېچقانداق ۋەھىي چۈشۈرمىدىم. ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن غايىبانە ئالامەت كۆرسىتىلگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ ۋە يۈز بېرىدىغان ئىشلار ھەققىدە ئالدىن بېشارەت بېرىشىدۇ، لېكىن بۇلار يالغاندۇر. ئۇلار پەقەت ئۆز ئىچىدىن ئويلاپ تاپقان يالغان ئىشلارنى سۆزلەيدۇ.