1 ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ، قايتىش ئالدىدا تۇرغىنىدا، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ دىققىتىنى ئىبادەتخانا بىنالىرىغا تارتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى.
ئۇ ماڭا يەنە: _ ئەي ئادەم بالىسى، سەن ئىسرائىللارنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇلار بۇ يەردە ئاشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانامدىن يىراقلىشىشىمغا سەۋەب بولدى. سەن يەنە تېخىمۇ يىرگىنچلىك بولغان ئىشلارنى كۆرىسەن، _ دېدى.
شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر.
ئەي يېرۇسالېم، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشقا قۇلاق سال. بولمىسا مەن سەندىن يۈز ئۆرۈيمەن. ھەمدە سېنى ھېچكىم ياشىمايدىغان خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.»
يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىنى چۈشەنمەي: - بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل كەتكەن تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا ياساپ چىقالايسەن؟ - دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئالىي روھانىيلار ۋە خەلق ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ: - سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ - دەپ سوراشتى.
گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!
ئاندىن يەرەمىيا سىراياغا مۇنداق دېدى: _ سەن بابىلغا يېتىپ بارغاندا، بۇ بېشارەتلەرنى خەلققە ئۈنلۈك ئوقۇپ بەرگىن.