قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ.