Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ يەنە باشقا چاكارلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا: «مېھمانلارغا: ˜قاراڭلار، زىياپەت تەييار بولدى. ئۆكۈز ۋە سېمىز ماللار سويۇلدى، ھەممە نەرسە تەييار، زىياپەتكە مەرھەمەت!Œ دەڭلار» دەپ تاپىلاپتۇ.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 22:4
18 Referans Kwoze  

لېكىن، پاۋلۇس بىلەن بارنابا تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئالدى بىلەن يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۈزۈشىمىز كېرەك ئىدى. لېكىن، سىلەر يەھۇدىيلار ئۇنى قوبۇل قىلمىدىڭلار. ئۆزۈڭلارنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشكە لايىق كۆرمىدىڭلار. شۇڭا، بىز سىلەردىن ئايرىلىدىغان بولدۇق. ئەمدى بىز خۇش خەۋەرنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمىز!


يەر ئىگىسى بۇ قېتىم ئالدىنقىدىنمۇ كۆپ قۇللىرىنى ئەۋەتىپتۇ، بىراق ئىجارىكەشلەر ئۇلارغىمۇ شۇنداق مۇئامىلە قىپتۇ.


ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟


بىراق شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مۇقەددەس روھ ۋۇجۇدۇڭلارغا چۈشكەندە، سىلەر كۈچ-قۇدرەتكە تولۇپ، يېرۇسالېم، پۈتۈن يەھۇدىيە ۋە سامارىيە ئۆلكىلىرى، ھەتتا دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە ماڭا گۇۋاھچى بولىسىلەر.


داستىخان سېلىنغان كۈنى، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ.


ئاندىن، چاكارلىرىغا: «توي زىياپىتى تەييار، لېكىن چاقىرىلغانلار لايىق بولۇپ چىقمىدى.


كىردىم ئۆز بېغىمغا، ئى مەھبۇبەم _ جېنىم سىڭلىم، يىغاي ئەمدى مۇرمەككى، تېتىتقۇلىرىمنى، ھەرە كۆنىكى بىلەن يەي ھەسىلىمنى، ئىچەي شاراب ۋە سۈتلىرىمنى. ئەي ئاشىقلار، يەڭلار تويغۇچە، مۇھەببەتتىن ئىچىڭلار قانغۇچە.


ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.


ئۇلار ئىتائەتسىزلىك قىلىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىڭنى ئۇنتۇدى. ئۇلار بوينىنى قاتتىق قىلىپ، ئۆزلىرىگە يېڭى بىر يېتەكچى تەيىنلەپ، مىسىردىكى قۇللۇقىغا قايتماقچى بولدى. لېكىن سەن ئەپۇچان، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغان ۋە چەكسىز مېھىر-مۇھەببەتلىك خۇدا بولغاچقا، ئۇلارنى تاشلىۋەتمىدىڭ.


ئۆچ-ئاداۋەت ئىچىدە بوردىغان مالنىڭ گۆشىنى يېگەندىن كۆرە، ئەۋزەلدۇر كۆكتات يېگەن مېھىر-مۇھەببەت ئىچرە.


بىراق، مېھمانلار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئېتىبارغا ئالماي، بىرى ئېتىزىغا كەتسە، يەنە بىرى تىجارىتىگە كېتىپتۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite