Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 خالايىق: - بۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن بولغان ئەيسا پەيغەمبەر، - دەپ جاۋاب بېرىشەتتى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 21:11
20 Referans Kwoze  

خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى.


خەلق ئىچىدە بەزى كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ: - مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن ئۇ ئىكەن! - دېيىشتى.


قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك: - ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى! - خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! - دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.


شۇ مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئۇلارغا: «خۇدا قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدىن ماڭا ئوخشاش بىر پەيغەمبەرنى تىكلەيدۇ» دېگەنىدى.


ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە: - كۆزلىرىڭنى ئاچقان ئۇ ئادەم سېنىڭچە قانداق ئادەمدۇ؟ - دەپ سوراشتى. - ئۇ بىر پەيغەمبەر، - دېدى ھېلىقى ئادەم.


جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ، ناسىرە شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ: «ئۇ ناسىرەلىك دەپ نام ئالىدۇ» دېگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.


- تەقسىر، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز!


ئۇلار ئۇنىڭدىن: - ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ - دەپ سورىدى. - ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، - دېدى ئۇ. - ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ - دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە: - ياق! - دەپ رەت قىلدى.


بەزىلەر: «ئۇ ئىلياس پەيغەمبەر» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى.


- نېمە ۋەقە ئىكەن؟ - دېدى ھەزرىتى ئەيسا. - ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ۋەقەسىچۇ! - دېدى ئۇلار، - ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى بار بىر پەيغەمبەر ئىدى.


شۇنداق ئىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە يولۇمنى داۋاملاشتۇرمىسام بولمايدۇ. چۈنكى، بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېرۇسالېمدىن باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلۈش مۇۋاپىق ئەمەستۇر.


ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى.


ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كىرگەندە، پۈتۈن شەھەر لەرزىگە كەلدى. كىشىلەر: - بۇ كىمدۇ؟ - دېيىشەتتى.


ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقمىساق بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايدۇ، - دېيىشتى.


ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite