2 ئۇ ئىشلەمچىلەرنىڭ كۈنلۈكىگە بىر كۈمۈش تەڭگىدىن بېرىشكە كېلىشىپ، ئۇلارنى ئۈزۈمزارلىقىغا ئەۋەتىپتۇ.
تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ. زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئۈزۈم تېلىغا تەگمە!» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.
سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى.
ئەتىسى، سارايۋەنگە ئىككى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، ئارتۇق چىقىمى بار بولسا، قايتىشىمدا تۆلەيمەن» دەپتۇ.
ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ.
باجغا تاپشۇرىدىغان پۇلۇڭلارنى ماڭا كۆرسىتىڭلارچۇ، - دېدى. ئۇلار بىر دانە كۈمۈش تەڭگە ئەكەلدى.
يەر ئىگىسى ئۇلارنىڭ بىرىگە مۇنداق جاۋاب قايتۇرۇپتۇ: «بۇرادەر، ساڭا ناھەقلىق قىلغىنىم يوق! سەن بىلەن بىر كۈمۈش تەڭگىگە كېلىشمىگەنمىدۇق؟
لېكىن، چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ.
ياش ۋاقتىڭدىن باشلاپ ياراتقۇچىڭنى ئېسىڭدە تۇت، «كۈنلىرىمدە خۇشاللىق يوق» دەپ ئاھ ئۇرىدىغان قېرى، ئاجىز چاغلىرىڭنىڭ كېلىشىنى كۈتمە.
يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 8-يىلى، گەرچە ئۇ تېخى ياش بولسىمۇ، ئەجدادى داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئىنتىلىشكە باشلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يېرۇسالېم، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيەنى غەيرىي سەجدىگاھلاردىن، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىدىن، ئويما ۋە قۇيما بۇتلاردىن تازىلاشقا باشلىدى.
مەن سىلىنىڭ يانلىرىدىن كەتسەم، پەرۋەردىگارنىڭ روھى سىلىنى مەن بىلمەيدىغان يەرگە ئېلىپ كەتسە، مەن بېرىپ، ئاخابقا دېسەم، ئۇ سىلىنى تاپالمىسا، كىچىكىمدىن تارتىپ پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن مەن خىزمەتكارلىرىنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ.
پەرۋەردىگار شىلودا ئۆزىنى داۋاملىق ئاشكارا قىلدى، يەنى ئۆزىنى ئۆزىنىڭ سۆزى ئارقىلىق سامۇئىلغا ئايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسىنى پۈتكۈل ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.
بالا سامۇئىل روھانىي ئەلىنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلاتتى. ئۇ چاغلاردا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي ۋە غايىبانە ئالامەتلەر كەمدىن كەم كېلەتتى.
بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.
ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق پەرتۇقىنى تاقاپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى.
شۇنىڭ بىلەن، ئۇ شاگىرتلىرىغا: - قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن.
ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مۇنداق دېدى: - چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى بىر يەر ئىگىسىگە ئوخشايدۇ. يەر ئىگىسى ئۈزۈمزارلىقىدا ئىشلەشكە ئادەم ياللاش ئۈچۈن قاق سەھەردە سىرتقا چىقىپتۇ.
سائەت توققۇز ئەتراپىدا ئۇ يەنە سىرتقا چىقىپ، بازاردا بىكار يۈرگەن باشقا كىشىلەرنى كۆرۈپتۇ.
ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە بېرىڭلار، كۆرۈپ باقاي، - دېدى.
- ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ - دېدى. - رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
چۈشتىن كېيىن سائەت بەشتە ئىشقا چۈشكەنلەر كېلىپ، غوجىداردىن بىر كۈمۈش تەڭگىدىن ئېلىشىپتۇ.