Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:16
21 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ، بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ، قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


يوقسۇللارنىڭ ئۈستىدىكى رەزىل ھۆكۈمدار، ھۆركىرەپ تۇرغان شىر، ئوۋ ئىزدەپ يۈرگەن ئېيىققا ئوخشار.


مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم.


شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.


پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى.


قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى. زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ، ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.


_ تەقسىر، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايلا؟ _ دېدى خازائېل. ئېلىشا: _ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن. سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرگە ئوت قويىسەن، ئۇلارنىڭ ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، كىچىك بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللىرىنىڭ قارنىنى يارىسەن، _ دېدى.


دىلەيلا ئۇنىڭغا: _ سىز مېنى ئەخمەق قىلىپ، يالغان سۆزلەپسىز. ماڭا سىزنى قانداق قىلغاندا باغلىغىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرسىڭىز، _ دېدى.


ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە، شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە. تارقىتىۋېتەرمەن ئەۋلادلىرىنى ياقۇپنىڭ زېمىنلىرىغا، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.


قان تۆكۈپ ۋىجدان ئازابى تارتقۇچى قېچىپ يۈرەر ئۆلگۈچە، قىلمىسۇن ئۇنى ھېچكىم ھىمايە.


مەن خۇدادىن ئۆتۈنۈپ ئۇنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ، دوستلىرىمنىڭ كۈلكىسىگە قالدىم. مەندەك ھەققانىي، دۇرۇس بىر ئادەم كىشىلەرنىڭ كۈلكىسىگە قالدى.


بالاق بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپ بولۇپ، مۇشتۇمىنى تۈگدى ۋە بىلئامغا: _ مەن سېنى دۈشمىنىمنى قارغاشقا تەكلىپ قىلسام، قارا، سەن ئۇلارغا ئۈچ قېتىم بەخت تىلىدىڭ.


بىلئام: _ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى.


ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت قىلدى.


چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتكار لىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: _ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىز مىسىرلىقلارغا ھاقارەت قىلدى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن قاتتىق ۋارقىرىدىم.


ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:


بۇنىڭ بىلەن، ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقۇۋالدى.


بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:


ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite