Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ھەزرىتى ئەيسا ھىرود پادىشاھ زامانىسىدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا دۇنياغا كەلدى. كېيىن، شەرقتىن بەزى مۇنەججىملەر يېرۇسالېمغا كېلىپ، كىشىلەرگە:

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 2:1
25 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.»


مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ھەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدىن كېلىشى ھەققىدە دېيىلمىگەنمىدى؟» دېيىشتى.


بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ دۇنياغا كەلدى!


شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.


يەھۇدا تۇتار سەلتەنەت ھاسىسىنى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى. كېيىن پۈتكۈل ئەل ئۇنىڭغا ئولپان تاپشۇرار، پۈتكۈل خەلق ھەم تەزىم قىلار.


- يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ بەيتلەھەم يېزىسىدا، چۈنكى بۇ توغرۇلۇق مىكا پەيغەمبەر مۇنداق خاتىرىلىگەن:


لېكىن، مەريەم بوشانغۇچە ئۇنىڭ بىلەن بىر ياستۇققا باش قويمىدى. بالا تۇغۇلغاندا، يۈسۈپ ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويدى.


پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە: - بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، - دېيىشتى.


ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى.


ئۇ ئەقىل-پاراسەتتە شەرقتىكى ۋە مىسىردىكى بارچە دانىشمەنلەرنى بېسىپ چۈشەتتى.


لېكىن ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى توقىلىدىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇلارنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقتىكى زېمىنغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى.


ھىرود پادىشاھ ئۆلگەندىن كېيىن، مىسىردا يۈسۈپنىڭ چۈشىدە خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ:


بۇنى ئاڭلىغان ھىرود پادىشاھ ئالاقزادىلىككە چۈشتى. جۈملىدىن، پۈتكۈل يېرۇسالېم خەلقىمۇ شۇنداق بولدى.


ئۇلار مېشادىن سىفارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.


ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق مادا ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى.


تاڭ ئاتقاندا، پىرئەۋن چۈشىدىن بىئارام بولدى. ئۇ مىسىردىكى بارلىق چۈشكە تەبىر بېرىدىغانلارنى ۋە دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.


يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەمدە لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر ياش يىگىت يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشايتتى.


بۇنىڭ بىلەن، ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرنى مەخپىي چاقىرتىپ، يۇلتۇزنىڭ قاچان پەيدا بولغانلىقىنى ئۇقۇۋالدى.


ھىرود پادىشاھ مۇنەججىملەرگە ئالدانغانلىقىنى سېزىپ، قاتتىق غەزەپلەندى. ئۇ مۇنەججىملەرنىڭ ئېيتقانلىرىغا ئاساسەن بوۋاقنىڭ يېشىنى ھېسابلاپ چىقىپ، بەيتلەھەم يېزىسى ۋە يېقىن ئەتراپتىكى ئىككى ياش ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكى ئوغۇل بالىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈردى.


ئىككىنچىسىنىڭ ئىسمى سالما بولۇپ، ئۇ بەيتلەھەم شەھىرىگە ئاساس سالدى. ئۈچىنچىسىنىڭ ئىسمى خارېف بولۇپ، ئۇ بەيت-گادېر شەھىرىگە ئاساس سالدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite