Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن: - بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 19:3
12 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە: - بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


گەرچە ئەجدادلىرىڭلار قىلغانلىرىمنى ئۇدا قىرىق يىلغىچە كۆرگەن بولسىمۇ، يەنىلا مېنىڭ سەۋر-تاقىتىمنى سىنىغانىدى.


ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى.


ئۇلارنىڭ ساختىپەزلىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا: - نېمىشقا مېنى سۆزۈم ئارقىلىق ئىلىندۇرماقچى بولۇۋاتىسىلەر؟ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە بېرىڭلار، كۆرۈپ باقاي، - دېدى.


شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پەرىسىيلەردىن ۋە رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بەزىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.


ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:


پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلىشتى.


نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite