3 - بىلىپ قويۇڭلاركى، يامان يولۇڭلاردىن يېنىپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي بولمىساڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا ھەرگىز كىرەلمەيسىلەر.
سىلەر رەببىمىزنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن بەھرىمەن بولغانىكەنسىلەر، خۇددى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاق ئانىنىڭ سۈتىگە تەشنا بولغاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ ساپ سۆزىگە تەشنا بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلغۇچە، ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتەلەيسىلەر.
ھەزرىتى ئەيسا: - بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر، - دېدى.
قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن.
سۈتكە تويغان بالىدەك ئانىسىنىڭ باغرىدا، كۆڭلۈم تىنىپ، تىنچلاندى تېنىم، بەرھەق، سۈتكە تويغان بالىدەك ئارام تاپتىم.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ!
ھەزرىتى ئەيسا: - بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! - دېدى.
- ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىر يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! خۇدانىڭ يولىغا قايتىڭلار! شۇنداق قىلغاندا، خۇدا گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ.
چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.Œ»
ئاندىن، شاگىرتلىرىغا يەنە: - بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاسماننىڭ ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ-چىقىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! - دېدى.
شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر خۇداغا بويسۇنۇشتا تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىنمۇ ئېشىپ كەتمىسەڭلار، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيسىلەر.
لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.
بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى: «قىلغانلىرىمغا قارايدۇ، قارايدۇ، مەنىسىنى ئۇقمايدۇ. سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلايدۇ، چۈشەنمەيدۇ. ئۇنداق بولمىسىدى، ماڭا قايتاتتى، مەنمۇ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلاتتىم.»
رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.
ئۇلار ئۇ يەرلەردە ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى رەببىمىز ئەيساغا داۋاملىق سادىق بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى. ئۇلار ئېتىقادچىلارغا مۇنداق دېدى: - بىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش ئۈچۈن، چوقۇم نۇرغۇن جاپالارنى بېشىمىزدىن ئۆتكۈزۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا: - بىلىپ قويۇڭلاركى، بايلارنىڭ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تەس.
چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن. ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان. ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى، زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.»
- روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پەرىشان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.
- دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.
سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل! شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ.
خەير-ساخاۋەت قىلغىنىڭلاردا، داۋراڭ سالماڭلار. ساختىپەزلەرلا باشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئىبادەتخانا ۋە كوچىلاردا شۇنداق قىلىدۇ. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.
بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاسمان-زېمىن مەۋجۇتلا بولىدىكەن، ئۇلار ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، تەۋراتنىڭ بىر ھەرپى، ھەتتا بىرەر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا يېنىغا كىچىك بىر بالىنى چاقىرىپ، ئۇنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزۇپ، مۇنداق دېدى:
كىم ئۆزىنى كىچىك بالىلاردەك تۆۋەن تۇتسا، ئۇ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىدا ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ.