Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! نېمە ئۈچۈن نان ئەكەلمىگەنلىكىڭلار توغرىسىدا سۆزلىشىسىلەر؟

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:8
9 Referans Kwoze  

ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟


ھەزرىتى ئەيسا دەرھال قولىنى ئۇزىتىپ، ئۇنى تۇتۇۋالدى ۋە ئۇنىڭغا: - ئەي ئىشەنچى ئاجىز، نېمىشقا گۇمان قىلدىڭ؟ - دېدى.


ئۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان ئون بىر شاگىرتىغا كۆرۈنۈپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تەرسالىقىنى ئەيىبلىدى. چۈنكى، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى تىرىلگەندىن كېيىن كۆرگەنلەرنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنىدى.


- نېمانچە قورقىسىلەر، ئىشەنچىڭلار نېمىدېگەن ئاجىز! - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئورنىدىن تۇرۇپ، بوران-چاپقۇن ۋە دولقۇنلارغا بۇيرۇق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، بوران ۋە دولقۇنلار پۈتۈنلەي تىنچىدى.


ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.


خۇدادىن يوشۇرۇنالايدىغان ھېچقانداق مەۋجۇدات يوقتۇر. بىز ھېساب بېرىدىغان خۇدا ئالدىدا ھەممە نەرسە ئوچۇق-ئاشكارىدۇر.


بىز سىزنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. چۈنكى، بىز سوئال سورىمىساقمۇ، سىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدىكەنسىز. بۇنىڭدىن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭىزگە ئىشەندۇق، - دېيىشتى.


شاگىرتلار بىر-بىرىگە: - نان ئەكەلمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن شۇنداق دەۋاتسا كېرەك، - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite