Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئوسال ۋە ۋاپاسىز كىشىلەر كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىلىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى تاشلاپ كەتتى.

Gade chapit la Kopi




مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر 16:4
15 Referans Kwoze  

پەرۋەردىگار يوغان بىر بېلىقنى يۇنۇسنى يۇتۇۋېلىشقا ئەۋەتكەنىدى. يۇنۇس بېلىقنىڭ قورسىقىدا ئۈچ كېچە-كۈندۈز تۇردى.


بۇ زاماننىڭ ۋاپاسىز ۋە گۇناھكار كىشىلىرى ئالدىدا كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئاتامنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن.


ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: - بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمە ئۈچۈن كارامەت كۆرسەت، دەپلا تۇرىدىغاندۇ؟ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلارغا كۆرسىتىلىدىغان كارامەت يوق، - دېدى.


ئۇلارغا پىسەنت قىلماڭلار؛ ئۇلار قارىغۇلارغا يول باشلايدىغان قارىغۇلاردۇر. ئەگەر قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلىسە، ھەر ئىككىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ.


بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار: _ مېنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن روھىم ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرى 120 ياشتىن ئاشمايدۇ! _ دېدى.


لېكىن، ئۇلار ئۇنىڭغا قارشى چىقتى ۋە ئۇنى ھاقارەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن پاۋلۇس پېشىنى قېقىپ، ئۇلارغا: - ئەگەر سىلەر قۇتقۇزۇلمىساڭلار، مەن جاۋابكار ئەمەس، ئۆزۈڭلار جاۋابكار. بۈگۈندىن باشلاپ، مەن خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئەمەس، يەھۇدىي ئەمەسلەرگە يەتكۈزىمەن، - دېدى.


گەرچە ئۇلار بالا چوڭ قىلسىمۇ، لېكىن مەن ئۇلارنىڭ جېنىنى ئالىمەن، بىرسىنىمۇ تىرىك قالدۇرمايمەن. مەن ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!


ئىسرائىلىيەلىكلەر بۇتقا مەستانە بولۇپ كەتتى، ئۇلار ئۆز يولىدا مېڭىۋەرسۇن.


پېترۇس يەنە نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇردى ۋە ئۇلارغا: - سىلەر ئۆزۈڭلارنى خۇدانىڭ بۇ زاماننىڭ چىرىپ كەتكەن كىشىلىرىگە كېلىدىغان جازاسىدىن قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ ئاگاھلاندۇردى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇياققا كېلىڭلار ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى، زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى.


بىر كۈنى ئامىتاينىڭ ئوغلى يۇنۇسقا پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلدى.


شاگىرتلار كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكىنىدە، نان ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇغانىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite