4 خۇدا: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ ئەمر قىلغان.
ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسىلەر.
ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلار ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەر ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.
مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەمر قىلغاندەك، ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەتلەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بەختلىك ياشايسىلەر.
ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى، كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.
ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
ئاتا-ئاناڭغا ھۆرمەت قىل ۋە قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.
ئەي بالىلار، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. بۇ، سىلەرنىڭ بۇرچۇڭلاردۇر.
كىمكى ئاتا-ئانىسىنى قارغىسا، ئۆچەر ئۇنىڭ چىرىغى تۈن قاراڭغۇسىدا.
«ئاتا-ئانىسىنى ھۆرمەت قىلمىغانلار قارغىشقا قالىدۇ!» پۈتۈن خەلق: «ئامىن!» دېسۇن.
ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز.
چوقۇلار جىلغىدىكى قاغىلار ياكى يەۋېتەر بۈركۈتنىڭ بالىلىرى، ئاتىسىنى مەسخىرە قىلىپ، ئانىسىنى كەمسىتكۈچىنىڭ كۆزىنى.
- يوقال، شەيتان! تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن.
ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - سىلەرچۇ! سىلەر نېمىشقا ئەنئەنىمىزگە رىئايە قىلىمىز دەپ، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟
لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ˜مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى خۇداغا ئاتىۋەتتىمŒ دېگەن كىشىنىڭ