51 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن: - بۇ سۆزلەرنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ - دەپ سورىدى. - چۈشەندۇق، - دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.
تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ھېچقانداق تەلىم بەرمەيتتى. ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى.
ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى.
يەنە بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ ئوغلى دۇنياغا كەلدى ۋە ھەقىقىي خۇدانى تونۇشىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى. بىز ھەقىقىي خۇداغا باغلىنىپ ياشاۋاتىمىز. چۈنكى، بىز ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە باغلانغانمىز. ئەيسا مەسىھ ھەقىقىي خۇدادۇر ۋە مەڭگۈلۈك ھاياتتۇر!
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەيۋاتامسىلەر؟ سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟
- دانىيال پەيغەمبەر ئېيتقان «يىرگىنچلىك ۋەيران قىلغۇچى»~نىڭ مۇقەددەس جايدا تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخانلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنسۇن)
سىلەر نېمىشقا مېنىڭ ئېيتقىنىمنىڭ نان توغرۇلۇق ئەمەسلىكىنى چۈشەنمەيسىلەر؟ مەن يەنە سىلەرگە: «پەرىسىيلەر بىلەن سادۇقىيلارنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ئېھتىيات قىلىڭلار» دەيمەن.
- ئېغىزغا كىرگەن نەرسىلەرنىڭ ئاشقازان ئارقىلىق تەرەت بولۇپ چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى چۈشەنمەمسىلەر؟
ۋە ئۇلارنى لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتقا تاشلايدۇ. ئۇلار ئۇ يەردە ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىنى غۇچۇرلىتىدۇ.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق تەلىم ئالغان تەۋرات ئۇستازى خۇددى خەزىنىسىدىن كونىنىلا ئەمەس، بەلكى يېڭى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىققان خوجايىنغا ئوخشايدۇ.