8 ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! بۇنداق كىيىملەرنى كىيىدىغانلار چۆلدىن ئەمەس، خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.
يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز كېزىپ يۈردى.
ئۇلار پادىشاھقا: _ يۇڭدىن توقۇلغان تون كىيىپ، بېلىنى خۇرۇم تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ: _ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس ئىكەن، _ دېدى.
مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»
خىزمىتىمنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئىشلىدىم. تالاي كېچىلەرنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزدۈم، ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇقنىڭ دەردىنى تېتىدىم. يەيدىغانغا تاماق، كىيىدىغانغا كىيىم تاپالماي، ئاچ-يالىڭاچ قالدىم.
بىز تا ھازىرغىچە پات-پاتلا ئاچ-يالىڭاچ، ئۇرۇپ-سوقۇلۇش، سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا يۈرۈۋاتىمىز.
دۈشمەننىڭ قورشاۋىدا قالغان شەھەرلىرىڭلاردا ئاچلىقنىڭ دەردىدىن ئاراڭلاردىكى ئەڭ مۇلايىم ۋە دىيانەتلىك ھېسابلىنىدىغان ئەرلەرمۇ بالىلىرىنى ئۆزى يالغۇز يەيدۇ. قېرىنداشلىرىغا، ھەتتا سۆيۈملۈك ئايالى ياكى باشقا پەرزەنتلىرىگە بۆلۈپ بېرىشنىمۇ خالىمايدۇ.
يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى: - سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟
ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈندۇر.
ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ.